ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو مەدەنىيلىك تورى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى 17-نۆۋەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى <بەش بىر قۇرۇلۇشى> بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى يېقىندا تەقدىرلەش قارارىنى بېسىپ تارقاتتى، 17-نۆۋەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە «بەش بىر قۇرۇلۇشى»نى تەشكىللەش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر تەقدىرلەندى، «چى بەيشى»، «سەرگەردان يەر شارى 2»، «بىپايان زېمىنغا سوئال» قاتارلىق 105 ئەسەرگە «مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى» بېرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ ئىلتىماس قىلغان سېرىك تىياتىرى «تىيانشاندىكى قار»، رادىيو تىياتىرى «مەن قولتۇق رايونىدىن سىزنى كۆرگىلى كەلدىم»، ناخشا «تىيانشاندا ياڭرىغان ناخشا»، «نۇر ياستۇقىغا باش قويغان ئۇ»، تور ئەدەبىيات-سەنئىتى «مېنىڭ ئالتىيىم»دىن ئىبارەت بەش ئەسەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
«تىيانشاندا ياڭرىغان ناخشا» MV (ماتېرىيال سىن)
«تىيانشاندا ياڭرىغان ناخشا» ناملىق ناخشا 2021-يىلى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ناخشا تېكىست-مۇزىكا ئىجادىيەتچىلىرى قانات يايدۇرغان «تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش» بويىچە تۇرمۇش ئۆگىنىش، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتا بارلىققا كەلگەن مۇنەۋۋەر ناخشىلارنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى قىياپىتى نامايان قىلىنغان. 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، بۇ ناخشا «يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەش» − مۇنەۋۋەر ئەسلىي ئىجادىيەت ناخشا كېچىلىكىنىڭ باشلىنىش مۇزىكىسى سۈپىتىدە ئېيتىلدى. بۇ ناخشا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا ناخشا ئېيتىش نۇسخىسى ئاساسىدا، يەنە كۆپ تىللىق نۇسخىسى ئىشلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇلدى.
فىلىم سۈرىتى(فىلىم گۇرۇپپىسى تەمىنلىگەن)
«مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق فىلىم يازغۇچى لى جۈەننىڭ شۇ ناملىق نەسىرلەر توپلىمىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، بۇ يىل 5-ئايدا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى مەركىزىي رادىئو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا ئالتۇن ۋاقىتتا، ئەيچىيى تورىدا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، يېڭىچە كۆرۈش نۇقتىسى، يېڭى ئۇسلۇب، لىرىك بايان ئارقىلىق، كۆرۈش نىسبىتى، قويۇلۇش مىقدارى، قىزىق نۇقتا تىزىملىكىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئالتاي ئۈچۈن مىسلىسىز دىققەت-ئېتىبار قوزغىدى.
سېرىك تىياتىرى «تىيانشاندىكى قار»نىڭ سەھنە كۆرۈنۈشى سۈرىتى. سۈرەتنى سېرىك ئۆمىكى تەمىنلىگەن
«تىيانشاندىكى قار» ناملىق سېرىك تىياتىرىنى شاڭخەي سېرىك ئۆمىكى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى سېرىك ئۆمىكى قاتارلىق ئۆمەكلەرنىڭ ئارتىسلىرى بىرلىكتە ئورۇنلىغان بولۇپ، شاڭخەي ۋە شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى ئۈچ ئەۋلاد كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى گۈللەندۈرۈش ھېكايىسى بايان قىلىنغان، بۇ، بىڭتۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى قوغداش، جۇڭگو-پاكىستان تاشيولىنى ياساش، سېرىك ئىختىساسلىقلىرىنى ھەمكارلىشىپ تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۇنجى مەيدان ئويۇن قويۇلغاندىن بۇيان، كۆپ قېتىم دۆلەت ئىچىدە سەييارە قويۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك «بەش بىر قۇرۇلۇشى»دا ئاساسلىقى 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە تۇنجى قېتىم قويۇلغان، ئوينالغان، بېسىلغان، نەشر قىلىنغان، ئېلان قىلىنغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر باھالاپ تەقدىرلەنگەن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 105 ئەسەر باھالاشقا قاتناشقان ئورۇنلار يوللىغان 1068 ئەسەر ئىچىدىن قاتلاممۇقاتلام قاتتىق باھالاش تەرتىپى ئارقىلىق تاللانغان بولۇپ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ئىجادىيىتىنىڭ مول نەتىجىلىرى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى