تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى مۇھىم ئەسكەرتمە بەردى

    ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچىدە يەنە ئارىلاپ تۇمان كۆرۈلىدىكەن. نۆۋەتتە، تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتقان بولغاچقا، يوللاردا مۇز تۇتۇش ئەھۋالى يەنىلا كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن، ئۈرۈمچى قاتناش ساقچى تارماقلىرى پۈتۈن شەھەردىكى تېيىلىغاق بولۇپ كەتكەن يول بۆلەكلىرىنى ئېلان قىلىپ، شوپۇرلارنىڭ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئاستا يول يۈرۈشىنى ئەسكەرتتى.

   ناچار ھاۋارايىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىگە بولغان تەسىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى يول قاتنىشىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ناچار ھاۋارايىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى، بارلىق خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار قارنى بۇيرۇق بىلىپ، بارلىق خادىملار ئىش ئورنىغا چىقىپ، تەۋەلىكتىكى ھەرقايسى يول بۆلەكلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، يولنى چارلاش، قوماندانلىق قىلىش، راۋانلاشتۇرۇش، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تەشۋىقات قىلىپ ئەسكەرتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ئاستى-ئۈستىدىكى باغلىما يول ئېغىزى قاتارلىق نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىدە ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، چارلاش، باشقۇرۇش-كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، شوپۇرلارغا «سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، ئارىلىقنى كونترول قىلىش، ئاپتوموبىل كەينىگە نۇر قايتۇرۇش چاپلىقى چاپلاش»نى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتتى.

   يول تېيىلغاق بولغاچقا، ئاسانلا قاتناش ھادىسىسى يۈزبېرىدۇ، ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى يول يۈرگەندە بىخەتەر ئارىلىقى ساقلاپ، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈشنى، قار ياغقاندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئامال بار ئاسما كۆۋرۈككە چىقماسلىقنى سەمىمىي ئەسكەرتتى.

   ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى تەھلىل قىلىپ، ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى: ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىن يوللار ھۆل ۋە تېيىلغاق بولۇپ كېتىش، شوپۇرلار يول يۈرۈش جەريانىدا بىخەتەر ئارىلىق ساقلىماسلىق ياكى تاسادىپىي ۋەقەگە يولۇققاندا ئاپتوموبىلنى جىددىي تورمۇزلاپ، يۆنىلىشنى قاتتىق بۇراش؛ سەپەرگە چىققاندا يۈرۈش لىنىيەسىنى ياخشى پىلانلىماي، كۆۋرۈكتىن چۈشىدىغان باغلىما يولغا يېقىنلاشقاندا، ئاپتوموبىل يولىنى جىددىي ئۆزگەرتىش؛ قاتناش قىستاڭچىلىقى بولۇۋاتقان يول بۆلىكىدىن ئۆتكەندە ئاپتوموبىل يولىنى قايتا-قايتا ئۆزگەرتىش؛ ئايلانما يول بۆلىكىدىن ئۆتكەندە سۈرئەتنى ئالدىن ئاستىلاتماسلىق؛ ئاپتوموبىلدا كاشىلا كۆرۈلسە ياكى ھادىسىگە يولۇققاندا، ھەيدەپ كېتىشكە ئامالسىز قالغاندا، تەلەپ بويىچە ئۈچ بۇرجەكلىك ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى قويماسلىق، ئاگاھلاندۇرۇش چىرىقىنى ياندۇرماسلىق قاتارلىقلار.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.