تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدىن ھەق قايتۇرۇۋېلىش تەس بولۇۋاتامدۇ؟ مائارىپ مىنىستىرلىقى: قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك!

    مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 4-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەتلىك مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش بويىچە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى يېقىندا ئېچىلغان، يىغىندا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدا ساقلىنىۋاتقان «ھەق قايتۇرۇۋېلىش قىيىن بولۇش» «ھەممە پۇل-مالنى سۈپۈرۈپ قاچماق» «يامان غەرەزدە تاقىۋېتىش» قاتارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

    يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەستىقلاتماي تۇرۇپ مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرۇش، خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەقلىق دەرس تولۇقلاش، غەيرىي پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئىجازەت دائىرىسىدىن ھالقىپ پەن تۈرىدىكى مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا جەمئىيەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشنى ئىدارە قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك. (مۇخبىر شى يۈسېن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.