تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى: تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ «پۇلنى ئېلىپ قېچىپ كېتىش» قاتارلىق قىلمىشلىرى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

   يېقىندا، مەملىكەتلىك مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش بويىچە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى گۇاڭدۇڭنىڭ گۇاڭجوۋدا ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار «ئىككىنى كېمەيتىش» ۋە «ئىككىنى ئۆستۈرۈش»نى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مەكتەپ ئىچىدىكى مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەكتەپ سىرتىدىكىنى تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەستىقلاتماي تۇرۇپ مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرۇش، خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەقلىق دەرس تولۇقلاش، پەن تۈرىدە بولمىغان تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئىجازەت بېرىلگەن دائىرىدىن ھالقىپ مەكتەپ سىرتىدا پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا جەمئىيەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيىلەشنى تۈزەش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك.

   تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ «ھەق قايتۇرۇشى قىيىن بولۇش»، «پۇلنى ئېلىپ قېچىپ كېتىش»، «يامان غەرەزدە دۇكاننى تاقاش» قاتارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش لازىم.

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى جوۋ پېيپېي)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.