12-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 18دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات تارقاتتى
كەلگۈسى ئۈچ كۈندە
تۇمانلىق ھاۋارايى ئۈرۈمچىدە داۋاملىق كۆرۈلىدىكەن
12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقىي 2-ئايلانما تېز سۈرئەتلىك يولى قەشقەر يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنى تۇمان قاپلىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
بۇ ئىككى كۈندە ئۈرۈمچىنى قويۇق تۇمان قاپلىدى
12-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 19دىن 3 مىنۇت ئۆتكەندە
شىمىگۇ رايونىدا ئەڭ تۆۋەن كۆرۈش ئارىلىقى ئاران 50 مېتىر بولدى
قويۇق تۇماندىن باشقا، يەنە ئۆتكۈنچى قار يېغىپ
قىسمەن يوللارنىڭ تېيىلغاق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنىڭ بىخەتەر ئارىلىق ساقلىشىنى، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى
ئاستىلىتىپ يول يۈرۈشىنى
سەمىمىي ئەسكەرتىمىز
ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 4-كۈنى كېچىدىن 12-ئاينىڭ 5-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئۆتكۈنچى قار يېغىپ كېيىن ھاۋا بۇلۇتلۇق، بەزىدە تۇمانلىق بولىدىكەن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە نەنسەن تاغلىق رايونىدا ئۆتكۈنچى قار يېغىپ كېيىن بۇلۇتلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، داۋانچېڭ رايونىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەردە تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى چوڭ بولمايدىكەن، شامال كۈچىمۇ چوڭ بولمايدىكەن. بىر قىسىم يوللاردا يەنىلا يىغىندى قارلاردىن مۇز تۇتۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن، يول يۈرگەندە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش كېرەك ئىكەن.
12-ئاينىڭ 5-كۈنى كېچىدىن 12-ئاينىڭ 6-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە تۇمانلىق بولىدىكەن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا، نەنسەن ۋە داۋانچېڭ رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەيدىكەن، شامال كۈچى چوڭ بولمايدىكەن.
12-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچىدىن 12-ئاينىڭ 7-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بەزىدە تۇمانلىق بولىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن يەتتە سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 11 سېلسىيە گىرادۇس بولىدىكەن، ئۈچ بال شامال چىقىدىكەن.
مەنبە: شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
بۇنىڭدىن باشقا، 12-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 18دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قويۇق تۇماندىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى: مۆلچەرلىنىشىچە، 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ 12-ئاينىڭ 5-كۈنى كۈندۈزگىچە ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ يۇڭفېڭ بازىرى، شۈيشىگۇ بازىرى، بەنفاڭگۇ بازىرى، گەنگۇ يېزىسى، سارداۋان يېزىسى، تولى يېزىسى ئەتراپىدىكى قىسمەن رايونلاردا كۆرۈش ئارىلىقى 500 مېتىردىن تۆۋەن بولىدىغان تۇمان پەيدا بولىدىكەن، قىسمەن جايلاردا كۆرۈش ئارىلىقى 200 مېتىردىن تۆۋەن بولىدىغان تۇمان پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، 12-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى (مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت مەركىزى) بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى (يول تورىنى كۆزىتىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى) بىرلىكتە شىنجاڭ تاشيول ھاۋارايىسىدىن ئالدىن مەلۇمات بەردى: 12-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 8دىن 12-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 8گىچە، سۇس ياكى ئازراق ياغقان قارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ سەنتەيدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكى، G3015 لىنىيەسىنىڭ خوجىرتتىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G7 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن گەنخېزىغىچە بولغان بۆلىكى، G216 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن ۋۇسەيۋەنگىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مەنبە: جۇڭگو ھاۋارايى ۋېيبو سۇپىسى
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى