تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى»نى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى»نى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنتايىن مول بولغان نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈردى. 2023 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ھەم سىستېمىلىق بايان قىلىنىپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەمىزنىڭ مەدەنىيەت بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلدى. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشتىكى ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيە يەكۈنى، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى زور نەتىجە، ئۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەدەنىيەت سەھىپىسىنى ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىشى، ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تېزىس» دېيىلدى)نى تەشكىللەپ تۈزدى. «تېزىس»تا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئىجادىي تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي روھى، ئاساسىي مەزمۇنى، ئاساسىي تەلىپى سىستېمىلىق بايان قىلىنغان ۋە چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتىكى نوپۇزلۇق ياردەمچى ئوقۇشلۇق.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇشى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنى ئەستايىدىل ھالدا ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش، ئىگىلەشكە تەشكىللەش كېرەك. «تېزىس»نى ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، كادىرلارنى تەربىيەلەش، پارتىيە ئەزالىرى ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەينەن، چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، بىرى ئارقىلىق ھەممىسىنى بىلىپ، تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكلەپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتى قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتى ئارقىلىق كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.