تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاغقا چىقىش يولىدا ھەمسەپەر بولغان يېقىن دوستىمىز

□ ۋاڭ تيېنەن

مەن 1982 - يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، «شىنجاڭ گېزىتى»نى ئوقۇشنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، بۇ گېزىت ئارقىلىق ئاخبارات ئېقىم مەسىلىلىرىدىن، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدىن خەۋەرلىنىدىغان بولدۇم.

1989 - يىلى، مەن دالىدا پىيادە ئېكسپېدىتسىيە قىلىش ۋە تاغقا چىقىشنى باشلىدىم. ئۇ چاغلاردا شىنجاڭدا، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتىمۇ بۇ ئىككى تۈردىكى تەنھەرىكەت تېخى مودا بولمىغانىدى، «دالا» «پىيادە مېڭىش» «تاغقا چىقىش» دېگەن بۇ سۆزلەر كىشىلەرگە ناتونۇش ئىدى. جابدۇقلارنى ئېلىپ ئېيتساق، ھازىر مەيلى ئەمەلىي دۇكان ياكى توردا بولسۇن، كەسپىي دالا جابدۇقلىرىنى سېتىۋېلىش ناھايىتى قولايلىق. لېكىن ئۇ چاغلاردا چوڭ - كىچىك كوچىلارنى ئايلىنىپ چىقىپمۇ بىرەر ساياھەت چېدىرى سېتىۋالغىلى بولمايتتى. مەن جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىش تونۇشتۇرۇلغان بىر رەسىملىك ژۇرنالدىن «人» خېتى شەكىللىك چېدىرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزۈم نەچچە كۈن تەتقىق قىلىپ، ژۇرنالدىكى پاسون بويىچە كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا تىكىپ شامال ئۆتمەيدىغان بىر ئاددىي چېدىر ياسىدىم.

ھەپتە ئاخىرى ۋە بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئۆزۈم تىككەن چېدىرنى ئېلىپ، مەقسەت - نىشانىمىز بىردەك بولغان تاغقا چىقىشقا ئامراق دوستلىرىم بىلەن بىرلىكتە ئەتراپتىكى جايلاردا پىيادە ماڭىدىغان، تاغلارغا چىقىدىغان بولدۇم. ئۇ چاغلاردا ئەتراپىمدىكى كىشىلەر دالا ھەرىكىتىنى چۈشەنمىگەچكە، مېنى توغرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمايدىغاندەك ھېس قىلاتتى، نۇرغۇن كىشىلەر: «ئىدارىدە ئىشلەيدىغان ئادەم تۇرۇپ سومكىسىنى يۈدۈپ تاغقا چىقىپ نېمە قىلىدىغاندۇ» دېيىشەتتى.

1998 - يىلى، مەن ۋە ھەمراھلىرىم بولۇپ جەمئىي سەككىز كىشى بوغدا چوققىسىغا چىقتۇق، بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇنجى قېتىم بوغدا چوققىسىغا چىقىشى ئىدى. ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ مۇخبىرلىرىدىن چېڭ لىشىن، نەن شياڭخۇڭ ئىككىسى مېنى ئىزدەپ كەلدى، ئۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىم بولۇپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىنىڭ ناھايىتى كەسپىي ھەم ناھايىتى ئىنچىكە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى»گە بىزنىڭ بوغدا چوققىسىغا چىققانلىقىمىز توغرىسىدىكى خەۋەر بېسىلدى، خەۋەر ناھايىتى ياخشى يېزىغان بولۇپ، تەپسىلاتلار ئارقىلىق پۈتۈن جەريان ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خەۋەرنى كۆردى. كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىنتايىن نوپۇزلۇق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى، بۇ خەۋەرنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»گە بېسىلغانلىقى تاغقا چىقىش، دالا تەنھەرىكىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى، ئاكتىپ، ساغلام تۇرمۇش شەكلى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. شۇڭا مەن ئىزچىل شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە ساياھىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ بۈگۈنگە كېلىشىدە «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ، دەپ قارايمەن، چۈنكى ئۇنىڭدىكى خەۋەرلەرنىڭ سالمىقى بار بولۇپ، نۇرغۇن كىشىنى بىر تەرەپلىمە قاراشنى تۈگىتىپ، دالا تەنھەرىكىتىنى توغرا تونۇش، تاغقا چىقىشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ۋەزىنلىك بۇ گېزىتنى بىزنىڭ تاغقا چىقىش يولىمىزدىكى يېقىن دوستىمىز دېيىشكە بولىدۇ.

2004 - يىلى، شىنجاڭ گېزىتخانىسىدىكى بىر مۇخبىر يەنە تولۇق جابدۇنۇپ بىز بىلەن بىرلىكتە شاد قەدىمىي يولىنى بېسىپ ئۆتتى، ئالتە كۈن ۋاقىتتا خەتەرلىك ئېقىنلارنى كەچتۇق، مۇزلۇقلاردىن ھالقىپ ئۆتتۇق، كۈندە پىيادە ماڭغان مۇساپىمىز ئون كىلومېتىردىن ئاشتى. بۇ مۇخبىر ناھايىتى جاپاغا چىداملىق ئىكەن، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بېشىدىن كەچۈرگەن نۇرغۇن كەچۈرمىشىنى جانلىق خەۋەر قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بۇ قەدىمىي يولنى ھەقىقىي چۈشەندۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاغقا چىقىش، پىيادە مېڭىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە ساياھەتچىلىك ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى ۋە ئومۇملاشتى، شىنجاڭ گېزىتى شىنجاڭ ئالاھىدە ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، مۇخبىرلار مۇزتاغ چوققىسى، تاشقورغان - يەكەن قەدىمىي يولى قاتارلىق شىنجاڭدىكى تاغ چوققىسى، قەدىمىي يوللارنى قوغداش ۋە ساياھەتچىلىكنى ئېچىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ نۇرغۇن خەۋەرلەرنى يازدى، شۇنداقلا مېنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلدى.

مەن شىنجاڭ گېزىتىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق، كۆپچىلىككە تاغقا چىقىشتىن ئىبارەت بۇ ئىنتايىن جەلپكار تەنھەرىكەتنى تونۇشتۇرالىغانلىقىمدىن، ئۆزۈم قىزغىن سۆيىدىغان شىنجاڭنى − بىزنىڭ يامىشىپ چىقىشىمىزنى كۈتۈۋاتقان نۇرغۇن مەنزىرىسى گۈزەل تاغ چوققىلىرى بار بۇ جاينى تونۇشتۇرالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن.

(ئاپتور جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئېكسپېدىتسىيەچىنىڭ بىرى، شىنجاڭ ساياھەت جەمئىيىتى ئالاھىدە ساياھەت شۆبە جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.