− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4 - قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
ئىنتىلگىنى تەرەققىيات، قەدىرلىگىنى ئورتاق پايدا ئېلىش، يەتكۈزگىنى ئۈمىد بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇردى، بۇ، دەۋرنىڭ ئالغا بېسىش لوگىكىسىغا ئۇيغۇن.
12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئېچىلغان 4 - قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھازىرقى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك».
2013 - يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى، پىرىنسىپال ئىدىيەسى، نىشان ۋەزىپىسى، ئۇسۇل - يولى قاتارلىقلارنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 11 يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش باشتىن - ئاخىر تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردى، ھەمكارلىق ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ھەمكارلىق دائىرىسى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، ھەمكارلىق قاتلىمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، خەلقئارا چاقىرىق كۈچى، تەسىر كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. دۆلىتىمىز ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى يەرشارىۋى، چوڭ كۆلەملىك، ھەر تەرەپلىمە خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشەببۇسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور، دائىرىسى ئەڭ كەڭ، تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغان خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلىنىپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇقنى كۈچەيتىش، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشتى.
11 يىلدا مول مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بەرپا قىلدى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئەمەلىيەت سۇپىسى قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن ئىككى تەرەپلىك ھەم رايون خاراكتېرلىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردۇق. 150تىن ئارتۇق دۆلەت، 30 نەچچە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالاپ، ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى تورىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتۇق. رايونلارنى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، دېڭىز بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى رايونلار ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىشنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردۇق. 30 دۆلەت ۋە رايون بىلەن 23 ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشتىن پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىشكىچە، تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى سىجىل ئازايتىشتىن جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بارلىق ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە %100 باج تۈرىدىكى مەھسۇلاتتىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق ئىمتىيازى بېرىشكىچە... «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىپ، ئوچۇق تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى مەنزىل ئېچىلدى.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن، نەتىجە ۋە پۇرسەت دۇنياغا مەنسۇپ. 11 يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش پۈتۈن يەرشارىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىستىقبالى پارلاق توغرا يول ئېچىپ بەردى، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن توغرا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. بىز ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، زور بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەر ۋە خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان «ئاددىي ھەم گۈزەل» تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتۇق. جاكارتا - ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولغا ئىگە قىلدى، جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولى لائوسنىڭ «قۇرۇقلۇق بېكىنمە دۆلىتى»دىن «قۇرۇقلۇق تۇتاشتۇرغۇچى دۆلەت»كە ئۆزگىرىشىگە ياردەم بەردى، چيەنكەي پورتى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى تۇنجى ئاقىل پورت ۋە يېشىل پورتقا ئايلاندى، مومباسا - نايروبى تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى كېنىيەگە 50 مىڭغا يېقىن ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى... ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بەخت يارىتىدىغان، دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ «بەخت يولى» ماڭغانسېرى كېڭەيدى. بىز پۈتۈن دۇنيانى كۆڭلىگە پۈكۈشتەك دۇنيا قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدۇق.
ئىلگىرىكىلەرنى يەكۈنلەش كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىش ئۈچۈندۇر. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش جۇڭگو دۇنيا بىلەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەيدىغان داغدام يول، ئورتاق گۈللىنىشكە تۇتىشىدىغان پۇرسەت يولى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان چوڭ سەھنە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە يېڭى يولىنى ئېچىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى رامكىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى مۇجەسسەملىمەكتە. بۇ تەشەببۇس ئېقىمغا ئۇيغۇن، خەلق رايىنى مايىل قىلىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، دۇنياغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بولۇپ، كۈچلۈك ئېلاستىكلىققا، تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچ ۋە كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە.
تارىخىي چوڭ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاھاندىكى توغرا يولدا مېڭىپ يىراققا يۈرۈش قىلىش. بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. «پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە» دېگەن ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى چىڭىتىپ، «بوران - چاپقۇن ئالدىدا تەمكىن تۇرىدىغان» ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتقاندا، چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)