− ئافرىقا ئەرەب دۆلەتلىرى ياش سىياسىيونلار كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر
11 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە، ئافرىقا ئەرەب دۆلەتلىرى ياش سىياسىيونلار كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى، ئۇلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، مەسچىت، مۇزېي، يېزا - كەنت، مەھەللە ھەم كارخانا قاتارلىقلارغا كىرىپ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق ۋە ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.
بۇ يىللاردا، شىنجاڭ قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈردى. شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە، كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇلار نۇرغۇن سۈرەت، سىن ۋە ئەمەلىي بۇيۇملار كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن خەۋپىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمگە زەربە بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى.
شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ۋە قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى دىنىي زاتلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دىنىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. «بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتنىڭ ئەھمىيىتى زور بولدى. جۇڭگو شىنجاڭدا دىنلارنىڭ رايىش، جەمئىيەتنىڭ ئىناق ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم» دېدى مىسىر ۋەتەن كەلگۈسى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ 1 - مۇئاۋىن پالاتا باشلىقى ئەھمەد سائادىدىن.
قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر رايونىنى قوغداش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش ۋە مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشقا باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 7 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، كونا شەھەر رايونىدىكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، ئىچكى يۈرۈشلەشكەن ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، تارىخىي قىياپىتىنى مۇكەممەل نامايان قىلغانلىقىنى ئىگىلىدى.
قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كىرگەندە، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە خام كېسەك قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەر توپى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى، تۈرلۈك مەززىلىك تائاملار كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنى سۈرەتكە تارتىشقا، مال سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى. «جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇۋېتىپتۇ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى ئىشەنچ ۋە ھاياتىي كۈچكە تولۇپتۇ، بەخت تۇيغۇسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن» دېدى تۇنىس خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ۋە خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بادرا گالور.
كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر يەنە جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي چالغۇ كەنتى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ «ساپال بۇيۇملار كەنتى» «قەلەمتىراش كەنتى» ھەم ئادىل دارۋازلىق سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، چالغۇلارنى ياساش، دارۋازلىق خاس ئويۇنى قاتارلىقلارنى كۆردى، ئۇستىلار، ھۈنەرۋەنلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى؛ قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا تەرەققىياتى ھەم كارخانىنىڭ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى؛ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ چارلۇڭ بازىرى كۇنلۇن جيايۈەن مەھەللىسىدە، بىر قىسىم ئاھالىلەرنى، ئاممىنى زىيارەت قىلدى، قىرغىز مىللىتىنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس» ئېيتىش نومۇرىنى كۆردى.
«جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تولۇق قوللاپتۇ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپتۇ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق بىللە ئۆتۈپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ.» سۇدان ھەققانىيەت ۋە باراۋەرلىك ھەرىكىتى رەئىس مەسلىھەتچىسى، تاشقى ئىشلار مەسئۇلى ئابدۇلئەزىز خەلىل مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللانغان تەدبىرلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى قايىل قىلىدىكەن، ئۆگىنىشكە ۋە ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىكەن، بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەمبەھرىلەيمەن.