شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايون 2025 - يىللىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتى سىنلىق يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش مىقدارىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، تارقىتىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم بايلىق ۋە ۋاسىتە، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان مۇھىم سۇپا، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدىكى مۇھىم بازا. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئېنىق بەلگىلەنگەن مۇشتەرى بولۇش دائىرىسى بويىچە مۇشتەرى بولۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، 2025 - يىللىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا تاماملىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىدىن ياخشى پايدىلىنىشنى تارقىتىش خىزمىتىنى تاماملاش بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، سىياسەت سەۋىيەسى ۋە نەزەرىيە ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات تارماقلىرى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە گېزىتلىرى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ كەڭ، يەتكۈزۈلۈشىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىپ، تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.