تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا ئىككى تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا بۇ يىل سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سائەت نۆلگىچە، قومۇل − جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ قومۇل - جېڭجوۋ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى دېيىلدى) ۋە سانجى − گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سانجى - گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى دېيىلدى)دىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا يىل ئىچىدە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 102 مىليارد 646 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.07 ئاشقان.

سىرتقا يەتكۈزۈلگەن 102 مىليارد 646 مىليون كىلوۋات سائەت توك مىقدارى ئىچىدە، قومۇل - جېڭجوۋ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 41 مىليارد 236 مىليون كىلوۋات سائەت، سانجى - گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 61 مىليارد 410 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئۆز جايىدا 29 مىليون 770 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر ئىشلەتكەنگە، توك يەتكۈزۈلىدىغان ئۆلكىلەر ئۈچۈن 78 مىليون 97 مىڭ 400 توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى، 253 مىڭ توننا گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر. بۇ، ئوتتۇرا جۇڭگو، خۇادۇڭ رايونلىرىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچلۈك تىرەك بولدى.

شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2010 - يىلى شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، سىرتقا يەتكۈزۈش يولى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. 2014 - يىلى قومۇل - جېڭجوۋ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ 2019 - يىلى، سانجى - گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ ئىككى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يولى شىنجاڭنىڭ شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشىدىكى ئاساسلىق تومۇرى بولۇپ قالدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مول كۆمۈر، شامال، يورۇقلۇق قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ باشقا ئۆلكىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىر تورىنىڭ يادرولۇق تايانچ تور رامكىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى تىيانشان شەرقىي ھالقىسىمان تورى، ئۈرۈمچى - سانجى شەھەر چەمبىرىكى ھالقىسىمان تورى، تىيانشان غەربىي ھالقىسىمان تورى، جەنۇبىي شىنجاڭ ھالقىسىمان تورى، شىمالىي شىنجاڭ ھالقىسىمان تورىدىن ئىبارەت «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان بەش ھالقىسىمان تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان تۆت يول» ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ھەم ئىشەنچلىكلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.