− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4 - قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4 - قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىدىيەسى چوڭقۇر، بايانلىرى مۇپەسسەل، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، كېيىنكى ئالتۇن ئون يىلدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشىمىز.
پورت ئىقتىسادى تېز قەد كۆتۈرۈپ، تاشقى سودىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇلدى... «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر قاتلام، كەڭ ساھە، ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. بولۇپمۇ جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ كۈنسېرى دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىردى، دەپ كۆرسەتتى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەنگە زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش، تاشقى سودىنىڭ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش، پورت قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، كۆرگەزمە كەسپىنىڭ تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، رايون ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كېڭەيتىدۇ.
«ئاقىل تاموژنا قۇرۇلۇشى، <ئاقىل تاموژنا كۈچلۈك دۆلىتى> ھەرىكىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى پائال تۆھپە قوشىمىز.» ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى خاۋ ۋېيمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو - قىرغىزىستان بەدەل پورتى قۇرۇلۇشىنى، قونجىراپ پورتىنىڭ يىل بويى ئېچىۋېتىلىشىنى پائال قوللاپ، چېگرا تاموژنىسى تاشقى ئىشلار ئالاقە مېخانىزمىنى سىجىل جانلاندۇرۇپ ۋە مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشىمىز. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قاتارلىق تۈرلۈك ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئومۇميۈزلۈك ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز.
بۇلتۇر 5 - ئايدا قۇرۇلغان شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، نۆۋەتچى پويىز، تاشيول، ئاۋىياتسىيە، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى قاتارلىق كۆپ خىل تىرانسپورت شەكلىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «تىيانشان ناملىق» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت داڭلىق ماركىسىنى بەرپا قىلىپ، تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يولى، دېڭىز يولى بىر گەۋدىلەشكەن خەلقئارالاشقان زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.
«نۆۋەتتە، كۆپ خىل ئەشيا ئوبوروتى شەكلى تۈرتكە بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى 16 مىليارد 48 مىليون يۈەن بولدى.» شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر شېن جىنشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىش بويىچە، «تىيانشان ناملىق» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت داڭلىق ماركىسىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە تاشقى سودىسىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەيمىز.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىدا، شىنجاڭ سەنباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ۋاقىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كەسىپلەر باغچە رايونى يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق قاتارلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشنى سىجىل قانات يايدۇردى ھەم قۇرۇلۇش، تىجارەت قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارغا چوڭقۇر قاتناشتى.
«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى مېنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى.» شىركەتنىڭ باش مۇدىرى كاڭ خېپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كارخانىمىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ دەۋر پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «سەمىمىيەتنى ئاساس، ئىشەنچنى شەرەپ دەپ بىلىش»تىن ئىبارەت تىجارەت ئۆلچىمىگە تايىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، كۈرەش قىلىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا تېخىمۇ كۈچلۈك رىقابەت كۈچى يارىتىدۇ.
G219 لىنىيەسى موڭغۇلكۈرە - ئونسۇ تاشيولى تۈرى شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول بولۇپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، لىنىيە بويىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
قىش كىرىشى بىلەن، بۇ تۈرنىڭ غەربىي تىيانشان ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلى كىرىش ئېغىزىنىڭ سىرتى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان بولسىمۇ، تونېل ئىچىدە قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن قۇرۇلۇش مەنزىرىسى نامايان بولۇپ تۇراتتى. جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھى يول - كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى موڭغۇلكۈرە - ئونسۇ 1 - بۆلەك تۈر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لى خۇڭجې تونېل ئىچىدە قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى. «بىز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، تۈر سۈرئىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇ چوڭ يولنى بالدۇرراق تۇتاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى <قاتتىق تۇتاشتۇرۇش>نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز» دېدى لى خۇڭجې.
(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار خېي خۇڭۋېي، چېن چياڭۋېي، شى شىن، تويا، لۇ فېڭباۋ)