شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تۈزۈشكە تەشكىللىگەن «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تېزىس» دېيىلدى) ناملىق كىتابنى ئۆگىنىش نەشرىياتى، خەلق نەشرىياتى بىرلىشىپ نەشر قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا قويۇپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈمنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىدە يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت زور تېمىغا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئورنى، رولى، نىشان - ۋەزىپىسى، فاڭجېن - پىرىنسىپى، ئىستراتېگىيەلىك يولى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپى چوڭقۇر بايان قىلىندى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى يەكۈنى، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم نەتىجە، ئىجادىي نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن، نەزەرىيە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلگەن ئىلمىي سىستېما بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەدەنىيەت قىسمىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.
«تېزىس» جەمئىي 14 باب، 85 ماددا بولۇپ، 68 مىڭ خەت. پۈتۈن كىتابتا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئىجادىي تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلدى. «تېزىس»نىڭ بايانى چوڭقۇر، قۇرۇلمىسى پۇختا، ئەسلىي تېكىست، ئەسلىي ئەسەرگە سادىق، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى جانلىق، پىششىق بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىدىكى نوپۇزلۇق ياردەمچى ئوقۇشلۇق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىن «تېزىس»نى ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئەينەن، چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، بىرى ئارقىلىق ھەممىسىنى بىلىپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ ئۆگىنىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش تەلەپ قىلدى.