تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 2024 - يىللىق دۇنيا ئەنئەنىۋى تېبابەت - دورىگەرلىك يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2024 - يىللىق دۇنيا ئەنئەنىۋى تېبابەت - دورىگەرلىك يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەنئەنىۋى تېبابەت - دورىگەرلىك ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ياراتقان نەتىجە بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد قوغداش، جەۋھىرىگە ۋارىسلىق قىلىشقا ئېھتىياجلىق، شۇنداقلا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشقا ئېھتىياجلىق. جۇڭيى تېبابەت - دورىگەرلىكى ئەنئەنىۋى تېبابەت - دورىگەرلىكىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گۆھىرى. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر زامانىۋى تېبابەت - دورىگەرلىك بىلەن ئەنئەنىۋى تېبابەت - دورىگەرلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى بىلەن غەرب تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىشىغا، ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭيې تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئەنئەنىۋى تېبابەت - دورىگەرلىك تەرەققىيات يولىنى ئاچتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سەھىيە - ساغلاملىق ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يەرشارىۋى سەھىيە خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىغا ئېھتىياجلىق. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىللە، ئەنئەنىۋى تېبابەت - دورىگەرلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى تېبابەت - دورىگەرلىكنىڭ يەرشارىۋى سەھىيە سىستېمىسىغا چوڭقۇر سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى تېبابەت - دورىگەرلىك مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى تېبابەت - دورىگەرلىك ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

2024 - يىللىق دۇنيا ئەنئەنىۋى تېبابەت - دورىگەرلىك يىغىنى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش تېمىسى: «كۆپ خىللىق، ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش: ئەنئەنىۋى تېبابەت - دورىگەرلىك ئارقىلىق دۇنياغا بەخت يارىتىش» بولۇپ، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورتاق مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.