تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 2024 - يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنى(گۇاڭجوۋ)غا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2024 - يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنى(گۇاڭجوۋ)غا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونى چۈشىنىشتە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. بۈگۈنكى جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا كېڭەيتىپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكار ئۇدۇللىشىپ، ئاشكارا، مۇقىم، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تۈزۈم مۇھىتىنى پائال ياراتماقتا. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ھەم 1 مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرالايدۇ، ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەم يېڭى خەۋپ - خەتەر ۋە سىناققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش ئىستىقبالىغا ئىگە بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ پايدىلىق تەرەققىيات مۇھىتى ۋە شارائىتى يارىتىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

«جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنىنى جۇڭگو دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات جەمئىيىتى، جۇڭگو خەلق دىپلوماتىيە ئىلمىي جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى گۇاڭجوۋدا ئېچىلدى، يىغىننىڭ باش تېمىسى «ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.