12-ئاينىڭ 2-كۈنى، قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. ۋاڭ شيەن بىلەن خىزمەتدىشى لى جەنشىن قولىدىكى ئىشىنى تۈگىتىپ، دەرھال جۇماش ئوسپاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ھويلىسىدىكى قارلارنى تازىلىشىغا ياردەملەشتى.
ۋاڭ شيەن 29 ياش، لى جەنشىن 27 ياش، ئىككىلىسى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى ئارشاڭ چېگرا باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى چاغانتوڭگى چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى. 81 ياشلىق جۇماش ئارىشاڭ ناھىيەسى چاغانتوڭگى يېزىسى مۇتىت خوتقۇر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى ۋە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن، تۇرمۇشتا خوتۇنى تۇرسۇنگۈل خېسەرقان ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.
جۇماش مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2020-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، ۋاڭ شيەن دائىم ئۆيىمىزگە كېلىپ ياردەملىشىۋاتىدۇ، «مېنىڭ ھەرىكەت قىلىشىم قولايسىز، ئۆيدە نېمە ئىش بولسا ھەمىشە بىرىنچى بولۇپ ۋاڭ شيەننى ئىزدەشنى ئويلايمەن. بۇ يىللاردا بىز ئۇنىڭ ياردىمىگە كۆنۈپ قالدۇق، بىر نەچچە كۈن كۆرمىسەك، چىدىيالماي تېلېفون قىلىپ ئالاقىلىشىمىز».
جۇماش ئائىلىسىنىڭ 35 مو يېرى سىرتقا ھۆددىگە بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى مولۇق ھويلىسىنى باشقۇرىدىغان ئادەم يوق ئىدى. ئەتىيازدا، ۋاڭ شيەن ئۇلارغا ياردەملىشىپ كۆكتات تېرىشىپ بەردى. يازدا، ئۇ ۋاقىت چىقىرىپ سۇغىرىپ، ئوغۇتلاپ، خاڭگا، دوۋجياۋغا جازا ياسىدى. كۈزدە، ۋاڭ شيەن خىزمەتداشلىرى بىلەن ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ قوناقلىرىنى يىغىشىغا ياردەملەشتى. قىشتا، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كۆمۈر ۋە كالا، قويلىرىغا يەم-خەشەكنى ئالدىن تەييارلاپ بەردى.
2021-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، تۇرسۇنگۈل ئۆيىدىكى ئىنەكنىڭ ھالسىز، ئىككى كۈن ھېچنىمە يېمەي-ئىچمەي يۈرگەنلىكىنى بايقاپ، ۋاڭ شيەندىن ياردەم سورىدى. ۋاڭ شيەن مال دوختۇرىنى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىپ، بېقىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئاسما ئوكۇل سېلىپ داۋالىغاندىن كېيىن، ئىنەكنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى، جۇماشنىڭ چىرايىغىمۇ كۈلكە يۈگۈردى.
يەنە بىر قېتىم تۇرسۇنگۈل ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ پۇتىنى يارىلاندۇرۇۋالدى. ۋاڭ شيەن ۋە مەھەللە كادىرلىرى توپتوغرا بىر ئاي ئۇنىڭ ئۆيىگە نۆۋەتلىشىپ بېرىپ، تاكى ئۇ كارىۋاتتىن چۈشۈپ ماڭالىغۇدەك بولغۇچە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. «ئۇلار مېنى كەنت داۋالاش ئۆيىگە دورا ئالماشتۇرغىلى ئاپاردى، ماڭا ھەمراھ بولۇپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ، پاراڭلىشىپ بەردى، ھەر ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيگە كېلىپ تازىلىق قىلىپ، تاماق ئېتىپ بەردى، يەنە دائىم ماڭا تۈرلۈك كۈتۈنۈش بىلىملىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇلار يېنىمىزدا بولسا، بىز ناھايىتى خاتىرجەم بولىمىز». تۇرسۇنگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر يىلى قىشتا، ۋاڭ شيەن يەنە ئېرى بىلەن ئىككىيلەنگە يوتقان، تىزلىق ۋە پەلەي ئېلىپ بېرىدىكەن.
ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننى خۇشال قىلغىنى، ۋاڭ شيەن ئۇلارنىڭ ئوغلىغا چوڭقۇر تەسىر قىلىپ، ئۇنىڭ ھاراق تاشلىشىغا ياردەم بەردى. «مەن ئىلگىرى ئويۇنغا ئامراق ئىدىم، قارتا ئويناپ ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرەتتىم، ئىنىم ۋاڭ شيەن ماڭا سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىپ، مېنى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىدىن تېخنىكا ئۆگىنىشكە بۇيرىدى، يەنە تېمىتىپ سۇغىرىش تاسمىسى زاۋۇتىدىن خىزمەت تېپىپ بەردى، ھەر ئايدا 5000 يۈەن كىرىم قىلىمەن». جۇماشنىڭ ئوغلى دۈسەنبېك جۇماشنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇ ناچار ئادىتىنى تاشلاپلا قالماي، يەنە ھەيدەش كىنىشكىسى ئالدى.
بۇلتۇر ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان لى جەنشىن ۋاڭ شيەنگە ئەگىشىپ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، بوۋاي-مومايلارغا ياردەم بېرىش سېپىگە قوشۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئىككىيلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ غەم ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، كىرلىكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ يۇيۇپ، كالا، قوي قوتانلىرىنى تازىلاپ، ئاپتاپپەرەسلىرىنى ئورۇپ بەردى، ياشانغانلار ئېھتىياجلىق بولسىلا، ھەمىشە چاقىرغان ھامان يېتىپ كەلدى.
بۇ يىل ئەتىيازدا جۇماش يەنە بىر نەچچە قوي سېتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن پۇلىنى قەرەللىك ئامانەت قىلىپ قويۇۋەتكەچكە ۋاقتىنچە نەق پۇل ئالالمىدى. ۋاڭ شيەن بىلەن لى جەنشىن ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ھەر بىرى 5000 يۈەندىن نەق پۇل چىقىرىپ، بوۋايغا قوي ئېلىپ بەردى.
لى جەنشىننىڭ ئېيتىشىچە، ھەر قېتىم نۆۋەت بىلەن دەم ئالغاندا، ۋاڭ شيەن بىلەن بازار ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئەر-خوتۇن ئىككىسىگە كۆكتات، قوي گۆشى ئېلىپ بېرىپ، توڭلاتقۇنى لىق توشقۇزۇۋېتىدىكەن. ئەر-خوتۇن ئىككىيلەنمۇ مىننەتدار بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلارغا جاۋاب قايتۇردىكەن: ئەمدىلا قازاندىن چىققان ساڭزا، ئىسسىق پولۇ، قولدا توقۇلغان قوي يۇڭى شارپىسى ... بۇلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ گۇۋاھچىسىغا ئايلانغان ئىدى.
جۇماش ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى بالا ئۆز ئوغلىمىزغا ئوخشاش بىزنىڭ چوڭ مەسىلىمىزنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ. ئۇلار بولغاچقا كۆڭلىمىز خاتىرجەم» .
«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى