12-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاق قۇلار غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام بازىرى شاخىلىقتام كەنتىگە جايلاشقان ئاق قۇ بۇلاق مەنزىرە رايونىدا ماكانلاشتى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) «ھەر يىلى نۇرغۇن ئاق قۇ بۇ يەرگە كېلىپ قىشلايدۇ، بۇ يىل 600گە يېقىن ئاق قۇ ئارقا-ئارقىدىن ئۇچۇپ كەلدى» دېدى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى غۇلجا ناھىيەسى ئاق قۇ بۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى گاۋ بو.
ئاق قۇ بۇلاق مەنزىرە رايونى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام بازىرى شاخىلىقتام كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، يەر ئاستىدىكى ئارشاڭ سۈيىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېقىپ چىقىشى بىلەن، قىشتا مۇز تۇتمايدىغان كۆلچەك شەكىللىنىپ، سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ بىلەن چوڭ ئاق قۇنى كۆڭۈلدىكىدەك قىشلاش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى. ھەر يىلى قىش پەسلىدە، بۇ يەر ئاق قۇلارنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلىنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غۇلجا ناھىيەسى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلىدى، ئاق قۇ بۇلاققا كېلىپ قىشلايدىغان ئاق قۇلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى، بۇ يىل بۇ يەرگە كېلىپ قىشلايدىغان ئاق قۇلار سانىنىڭ 800دىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.
ئاق قۇلار مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ قىشلىدى، يېزا-كەنت ئاق قۇلارنىڭ كېلىشى بىلەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى. 2023-يىلى، ئاق قۇ بۇلاق مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 150 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى