مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 3-كۈنى بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىدىغان مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن سۇپا (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىرلىككە كەلگەن سۇپا»دېيىلىدۇ)نى ئېچىش قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلغان، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ياكى كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا تورغا چىقىرىلىدىغان بولۇپ، ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى «بىر ئىش»نى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىشكە ئومۇميۈزلۈك تىرەك بولىدىكەن.
بىرتۇتاش سۇپا قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسىنىڭ تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ئىناۋىتىنى يوقاتقانلىق ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش، ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش سىستېمىسىنىڭ باش بېتىدىكى بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسى سۇپىسىغا تىزىملىتىپ كىرىپ، بىر كۇنۇپكا بىلەنلا مەمۇرىي جازا، تىجارەتتىكى بىنورماللىق تىزىملىكى، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ئىناۋىتىنى يوقاتقانلار تىزىملىكى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ئىناۋىتىنى يوقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالىنى ھەر تەرەپلىمە ئىگىلىيەلەيدۇ.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى