نۆۋەتتە ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئارقىلىق تۇرالغۇ سودا قەرزىنى ئايمۇئاي قايتۇرۇش كەسپىنى قۇرۇلۇش بانكىسىدا قانات يايدۇرۇپ، ئۆي سېتىۋالغان ئاممىنىڭ قەرز قايتۇرۇش بېسىمىنى يەنىمۇ يېنىكلەتتى.
«تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئارقىلىق تۇرالغۇ سودا قەرزىنى ئايمۇئاي قايتۇرۇشتا قانداق شەرتلەر ھازىرلىنىدۇ؟ ھەر قېتىم ئومۇمىي سوممىدىن ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە پۇل ئالغىلى بولىدۇ؟» مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ تۈرلۈك كەسىپنى ھەرقايسى شۆبە مەركەز، باشقۇرۇش بۆلۈمى، ھاۋالە قىلىنغان بانكا تور نۇقتىلىرىدا بېجىرگىلى بولىدىكەن. بۇ كەسىپ شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرغان ۋە ئامانەت قويغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۆۋەندىكى بىرقانچە شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك ئىكەن: كېلىشىم ئىمزالىغاندا قەرز ئالغۇچى ۋە جورىسىنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلى ياكى ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسچوتى نورمال تاپشۇرۇش ۋە ئامانەت قويۇش ھالىتىدە بولۇشى كېرەك؛ كېلىشىم ئىمزالىغاندا قەرز ئالغۇچى ۋە جورىسىنىڭ ئىسچوتىدا ئۈچ ئايلىق ھەق تاپشۇرۇش ۋە ئامانەت قويۇش سوممىسى ساقلىنىشى كېرەك؛ قەرز ئالغۇچى بىلەن جورىسىنىڭ كېلىشىمىدىكى ھەر ئايلىق ئېلىش سوممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئايلىق ھەق تاپشۇرۇش ۋە ئامانەت قويۇش سوممىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ ئىككى تەرەپنىڭ جەمئىي ئالغان سوممىسى سودا تۇرالغۇ ئۆي قەرزىنىڭ ئايلىق قەرز قايتۇرۇش سوممىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
قەرز ئالغۇچى ۋە ئۇنىڭ جورىسى سودا تۇرالغۇ ئۆي قەرزىنى قايتۇرۇش مەزگىلىدە ئايمۇئاي ئۇدۇللاپ قەرز قايتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالايدۇ ھەمدە كېلىشىم ئىمزالاپ كېيىنكى ئايدىن باشلاپ ئۇدۇللاپ قەرز قايتۇرۇشنى ئىجرا قىلىدۇ، ئەگەر ئۇدۇللاش مەغلۇپ بولسا قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە قەرز ئالغۇچى ۋە ئۇنىڭ جورىسىغا ئۇقتۇرۇلىدۇ. قەرز ئالغۇچى ۋە ئۇنىڭ جورىسىنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئارقىلىق ھەر ئايدا ئۇدۇللاپ قايتۇرىدىغان قەرز سوممىسى سودا تۇرالغۇ قەرزىنىڭ ھەر ئايدا قايتۇرىدىغان قەرز سوممىسىغا يەتمىسە، يەتمىگەن قىسمى كېلىشىمدە ئالدىن قالدۇرۇلغان قەرز قايتۇرۇش بانكا كارتىسىدىن تۇتۇپ قېلىنىدۇ. تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرغان ۋە ئامانەت قويغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئىسچوتىدىكى قالدۇق سومما پەقەتلا 10 يۈەن قالغاندا كېلىشىم ئاپتوماتىك ئاخىرلىشىدۇ. كېلىشىم ئىمزالاش كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۆي سېتىۋېلىش پۇلىنى ئېلىش، كۆپ سوممىلىق سودا تۇرالغۇ قەرز پۇلى ئېلىش، قايتۇرۇش قاتارلىق باشقا كەسىپلەرنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر بېجىرىشكە توغرا كەلسە كېلىشىمنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك.
بۇ تۈرلۈك كەسىپنى بېجىرىشكە كېرەكلىك ماتېرىياللار: قەرز ئالغۇچىلاردىن ئايمۇئاي ئۇدۇللاپ قەرز قايتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىرى قەرز ئالغۇچىنىڭ كىملىكىنى تەمىنلىشى كېرەك؛ قەرز ئالغۇچىنىڭ جورىسى ئايمۇئاي ئۇدۇللاپ قەرز قايتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولسا، قەرز ئالغۇچىنىڭ كىملىكى، قەرز ئالغۇچىنىڭ جورىسىنىڭ كىملىكى ۋە ئۆيلىنىش خېتىنى تەمىنلىشى كېرەك. (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈەنيۈەن)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى