«ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ۋەيمەي ئارقىلىق يېمەك-ئىچمەك تەقسىملەپ يەتكۈزىدىغان توكلۇق ۋېلسىپىتلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىش بويىچە 100 كۈنلۈك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى خىزمەت لايىھەسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ) يېقىندا ئېلان قىلىندى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى، شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى، شەھەرلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش ئىدارىسى، شەھەرلىك ئوت مۇداپىئەسى بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق كۆپ تارماق ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لار بىلەن بىرلىشىپ، ۋەيمەي ئارقىلىق يېمەك-ئىچمەك يەتكۈزىدىغان توكلۇق ۋېلىسىپىتلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىش بويىچە 100 كۈنلۈك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
12-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «لايىھە»نىڭ تەرتىپكە سېلىش مۇھىم نۇقتىسى يەتتە جەھەتتىكى 13 تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، كۆپ تارماق بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ئارقىلىق، ئالاقىدار تەكشۈرۈش ۋە تەرتىپكە سېلىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ۋەيمەي ئارقىلىق يېمەك-ئىچمەك تەقسىملەپ يەتكۈزىدىغان توكلۇق ۋېلسىپىتلارنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يول قاتناش تەرتىپىنى قوغداپ، يول قاتناش ھادىسىسى ۋە ئوت ئاپىتى ھادىسىسى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن ۋە ئازايتىدىكەن.
تەرتىپكە سېلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان يەتتە مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ھالقىسى، قاتناش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ قىلمىشلار، توكلۇق ۋېلسىپىتنى ئىشلىتىش ھالقىسىنى باشقۇرۇش، توختىتىپ توك قاچىلاشنى باشقۇرۇش، توردا تىجارەت قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، توردا كېلىشىپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خادىملىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
13 تۈرلۈك مەزمۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش كارخانىلىرىنىڭ «توكلۇق ۋېلسىپىت مەنبەسىنى تەكشۈرۈش كودى»نى ئىشلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش؛ توكلۇق ۋېلسىپىتنى سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش، تەتۈر يۆنىلىشتە مېڭىش، بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىل يولىدا يۈرمەسلىك قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ توكلۇق ۋېلسىپىت ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ قانۇنسىز ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش؛ تەقسىملەپ يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش؛ كونا توكلۇق ۋېلسىپىتنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش؛ توكلۇق ۋېلسىپىتنى مەركەزلىك توختىتىش سورۇنىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە تەرتىپكە سېلىش؛ ھەمبەھرە باتارىيە ئالماشتۇرۇش كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ توردا كېلىشىپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خادىملىرىنى باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش؛ قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش، بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىش؛ ساھەنىڭ تەلەپچانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ تور يېمەك-ئىچمەك ۋەيمەي سۇپىسى ھەم تەقسىملەپ يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان توردا كېلىشىپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خادىملىرىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا يېتەكلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش؛ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشتىكى «باشلامچى دەرس»نى ياخشى سۆزلەپ، توكلۇق ۋېلىسىپىتنى تىزىملاپ نومۇر تاختىسى ئېسىشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈش ۋە بېجىرىش تەرتىپىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى