تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 21دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى غەربىي تاشقى ئايلانما يولى شىچېڭ كوچىسى كۆۋرۈك يۈزىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان بۆلىكىدە يول تېيىلغاق بولغانلىقتىن، كۆپ نۇقتىدا، كۆپ قېتىم سۈركىلىپ، سوڭدىشىپ سوقۇلۇشتەك قاتناش ھادىسىسى يۈزبەردى. مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ھادىسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. ھادىسىدە 25 ئاپتوموبىل سۈركىلىپ سوقۇلغان بولۇپ، ئادەم يارىلانمىدى.
12-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 23لەر ئەتراپىدا، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن نەق مەيدان بىر تەرەپ قىلىنىپ بولدى، ھادىسە يۈزبەرگەن يول بۆلىكىدە قاتناش نورمال ئەسلىگە كەلدى.
قاتناش ساقچىلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: قىش كىرىشىگە ئەگىشىپ، تۇمانلىق ۋە قارلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدۇ، شوپۇر دوستلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ھاۋارايى ئۆزگىرىشى ۋە يول ئەھۋالىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، يولغا چىقىش ۋاقتى ۋە لىنىيەسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ، قىشلىق چاقنى تېزدىن ئالماشتۇرۇشى كېرەك. ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە يېتەرلىك بىخەتەر ئارىلىق ساقلىشى، سۈرئەتنى ئاستىلىتىشى، ئېھتىيات بىلەن ھەيدىشى كېرەك.