تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى-بېلارۇسىيە خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) 12- ئاينىڭ 2- كۈنى سەھەر سائەت 2دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېكسپورت قىلىنىدىغان 24.58 توننا ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى بېسىلغان تولۇق يۈك تىرانسپورت ھۆددە ئايروپىلانى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچتى، ئايروپىلان تېھراندا توختىغاندىن كېيىن بېلارۇسىيەنىڭ ئورشا شەھىرىگە قاراپ ئۇچىدۇ. ئۈرۈمچىدىن بېلارۇسىيەگە قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى.

mmexport1733131532971

12-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە، ئېكسپورت قىلىنىدىغان 24.58 توننا ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى بېسىلغان تولۇق يۈك تىرانسپورت ھۆددە ئايروپىلانى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا ئۇچۇش ئالدىدا. خې يىڭ فوتوسى

  ئۈرۈمچى- بېلارۇسىيە خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە بېلارۇسىيە لادا ئاۋىياتسىيە شىركىتى تىجارەتكە مەسئۇل بولىدۇ، ھەر ھەپتىدە ئۈچ نۆۋەتچى ئايروپىلان ماڭدۇرۇشنى، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇچۇش قېتىم سانىنى 100 نۆۋەتتىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى، نۆۋەتچى ئايروپىلانغا بېسىپ پورتتىن چىقىرىلىدىغان ماللار ئادەتتىكى سودا ماللىرى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئاساس قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.