تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

توققۇز ئۆلكىدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوتىنى مەملىكەت بويىچە ئۆلكە ئاتلاپ ئورتاق ئىشلىتىش رەسمىي باشلاندى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

12- ئاينىڭ 2- كۈنى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى جياڭسۇ سۇجوۋدا مەملىكەت بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوتىنى ئۆلكە ئاتلاپ ئورتاق ئىشلىتىشنى رەسمىي قوزغاتتى. ئىشچى- خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوتىنى ئۆلكە ئاتلاپ شۇ كىشىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرۇشتا ۋە داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلدۇرۇشتا ئىشلەتسە بولىدۇ. نۆۋەتتە 9 ئۆلكىدىكى 31 بىر تۇتاش غەملەش رايونىدا، شەخسىي ئىسچوتىنى ئۆلكە ئاتلاپ ئورتاق ئىشلەتسە بولىدىغان بولدى.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئىشچى- خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شەخسىي ئىسچوتنى ئورتاق ئىشلىتىش دائىرىسىنى شەھەر ئىچىدىن ئۆلكە ئىچىگىچە كېڭەيتىش، بىۋاسىتە تۇغقانلىرىدىن يېقىن تۇغقانلىرىغىچە كېڭەيتىش، ئۆلكە ئىچىدىن مەملىكەت بويىچە ئۆلكە ئاتلاپ ئىشلىتىشكىچە كېڭەيتىشتىن ئىبارەت ئۈچ كېڭەيتىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرغان. نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئۆلكىدە شەخسىي ئىسچوتنى ئۆلكە ئىچىدە ئورتاق ئىشلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، 23 ئۆلكىدە «يېقىن تۇغقانلىرى» ئورتاق ئىشلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 1- ئايدىن 10- ئايغىچە ئورتاق ئىشلەتكەن ئادەم قېتىم سانى جەمئىي 283 مىليونغا يېتىپ، سوممىسى 36 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولغان. شەخسىي ئىسچوتنى ئۆلكە ئاتلاپ ئورتاق ئىشلىتىش ئىسلاھاتى سۇغۇرتىغا قاتناشقان 300 مىليوندىن ئارتۇق ئىشچى- خىزمەتچى ۋە ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان 1 مىلياردقا يېقىن كىشىگە چېتىلغان.

 داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوتىنى ئۆلكە ئاتلاپ ئورتاق ئىشلىتىش كونكرېت مەشغۇلاتىدا، ئالدىنقى مەزگىلدە، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى جياڭسۇ، خېبېي قاتارلىق توققۇز ئۆلكە، شەھەردە «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەميانى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ھەم ئورتاق ئىشلەتكۈچىلەر «دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسى» ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ، تىزىمغا ئالدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا كىرىپ، «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەميانى» ئىقتىدار بۆلىكىنى چېكىپ كىرىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەميانىنى قوزغىتىپ، «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەميانىدا ھېسابات يۆتكەشنى ئىلتىماس قىلىپ»، ئورتاق ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچۇرىنى تەمىنلەپ ھەمدە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى، ھېسابات يۆتكەش سوممىسى، مەبلەغ مەنبەسىنى تاللىغاندىن كېيىن «تاپشۇرۇش»نى چەكسىلا ھېسابات يۆتكەشنى تاماملىيالايدۇ. ئورتاق ئىشلەتكۈچىلەر دوختۇرغا كۆرۈنۈپ دورا سېتىۋالغاندا ۋە ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرغاندا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كودىنى كۆرسىتىش ياكى چىراي تونۇتۇش ئارقىلىق «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەميانى» ئارقىلىق پۇل تۆلىيەلەيدۇ. 12- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە 27 مىڭغا يېقىن كىشى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەميانىنى ئىشلەتكەن.

 (باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى جاڭ پىڭ، لۇڭ شياۋچىن، شۈ داۋېي، خۇاڭ گۇەنخۇا، جۇ جېنخەي)

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.