ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي) بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغانلارغا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى قايتۇرۇش سىياسىتىنى سىجىل يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى. بۇ سىياسەت يىل ئاخىرىدا ئاخىرلىشىدۇ، كارخانىلارنىڭ «بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك سىياسەت پايدىسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشى»غا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار خادىملار ھەر قايسى كارخانىلارنىڭ تېزدىن تورغا چىقىپ، ئۇچۇرلارنى جەزىملەشتۈرۈشىنى ئەسكەرتتى.
ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش سىياسىتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى 12 ئايدىن ئارتۇق تولۇق تاپشۇرغان، ئۆتكەن يىلى خادىم قىسقارتمىغان ياكى خادىم قىسقارتىش نىسبىتى ئۆتكەن يىللىق مەملىكەت بويىچە شەھەر- بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى كونترول قىلىش نىشانىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا، خادىمى 30 كىشى (30 كىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلارنىڭ خادىم قىسقارتىش نىسبىتى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %20ىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. چوڭ كارخانىلارغا كارخانا ۋە ئۇنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ئالدىنقى يىلى ئەمەلىي تاپشۇرغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ %30ى بويىچە، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا %60ى بويىچە قايتۇرۇلىدۇ.
جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، فوند جەمئىيەتلىرى، جەمئىيەت مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى، ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى، بوغالتىرلىق ئورۇنلىرى، ئورۇن شەكلىدە سۇغۇرتىغا قاتناشقان يەككە سودا- سانائەتچىلەرگە مۇشۇ سىياسەتتىن پايدىلىنىپ يولغا قويۇلىدۇ.
11- ئاينىڭ 27- كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە 17 مىڭ 263 كارخانا ئۇچۇرلارنى جەزىملەشتۈرمىگەن. كارخانىلارنىڭ «بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك سىياسەت پايدىسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشى»ىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار خادىملار ھەر قايسى كارخانىلارغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئاممىۋى مۇلازىمىتى سۇپىسى»غا كىرىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش كۆزنىكىدىكى ئەسكەرتمىنى كۆرگەندىن كېيىن، «قوشۇلۇش»نى چېكىپ، تەكشۈرۈپ ئېلان قىلىشتا باشقىچە پىكىر بولمىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ياردەم پۇل مەبلىغىنى ئىدارىنىڭ ھېساباتىغا بىۋاسىتە ئاجرىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر ئالاقىدار كارخانىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇچۇرلارنى جەزىملەشتۈرمىسە، 2024- يىللىق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغانلارغا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى قايتۇرۇش سىياسىتى ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.