تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇرتۇمنى مەدھىيەلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمەن

□ئاراپات

ھېس قىلىشىمچە، ھاياتىمىزدىكى ھەربىر كۈندە ئىلگىرىكى تەسەۋۋۇر بوشلۇقىدىن بۆسۈپ ئۆتىمىز.

ئىلگىرى مەن قەشقەردە ۋېلىسىپىت مىنىپ مەكتەپكە بارىدىغان، مەكتەپ بىلەن ۋاسكېتبول مەيدانى ئارىسىدا چېپىپ يۈرىدىغان، دوستلىرىم بىلەن قوغلىشىپ ئوينايدىغان بىر كىچىك ئوغۇل بالا ئىدىم. مەلۇم بىر كۈنى، تەقدىرنىڭ چىشلىق چاقى مېنىڭ مۇزىكا يولىغا مېڭىشىمغا تۈرتكە بولدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇزىكا بىلەن بولغان ئالاقەم قويۇقلىشىشقا باشلىدى. كېيىن، مۇزىكا مېنىڭ ئۆمۈرلۈك كەسپىمگە ئايلاندى، مەن مېنى ياخشى كۆرىدىغان ناخشا مەستانىلىرىگە ئىگە بولدۇم، بۇ مېنىڭ تەلىيىم.

رەپ مۇزىكىسى ھەرقانداق ئادەم ئۆزىگە خاس شەكىل ئارقىلىق ئورۇنلىسا بولىدىغان بىر خىل مۇزىكا شەكلى. ئۇنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم دەل ياشلىق مەزگىلىمدە ئىپادىلەش ئىستىكىم ئالاھىدە ئۇرغۇپ تۇرغان چاغلارغا توغرا كەلگەنىدى، مەن ئاخىر ئۆزۈمگە خاس كېلىدىغان ئىپادىلەش شەكلىنى تاپقانلىقىمنى بايقىدىم، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ توغرىسىدىكى نۇرغۇن ناخشىلارنى يازدىم.

«مەن شىنجاڭغا بارىمەن» ناملىق ناخشامدىكى «مەن شىنجاڭغا قايتىمەن \ سىزنى شىنجاڭغا ئېلىپ باراي \ قەدىمىمگە ئەگىشىپ مېڭىڭ \ مەن سەمىمىي، ھىيلە - مىكرىم يوق» «كۆپ خىل مەدەنىيەت مۇھىتىغا كەلدىڭىز \ چوقۇم يېپيېڭى نەزەر دائىرىگە ئىگە بولىسىز» ... دېگەن تېكىستلەردە مېنىڭ يۇرتۇمغا بولغان ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ كۈچلۈك قىزغىن مۇھەببىتىم ئىپادىلەنگەن.

«مىڭ چاقىرىم يول» ناملىق ناخشامدىكى «مىڭ چاقىرىم يول بېسىپ كەلدىم يۇرتۇمغا \ قېرىنداشلار شاد - خۇرام جەم بولدۇق بۇندا \ ئەسلىمەمدىكى نەرسىلەر ئۆز پېتى ئەمما، ئۆزگىرىپتۇ ئادەملەر بىراق \ چىقسىمۇ گەر بوران - چاپقۇن ماڭا بەرىبىر \ سىز كىمخاب كىيىم سوۋغا قىلسىڭىز، مەن ئويىمەن ئابىدە \ مەدھىيەلەيمەن مەڭگۈ، تاكى مەڭگۈگە» « ناندىن كېلەر يۇرتۇمنىڭ ھىدى \ ئۇزاق ئەسلىمىلىرىم ئەگىشىپ ئاڭا \ كۆرۈنمەس جابدۇق گويا ئۇ بالىلىقىمدىكى \ كۆرگىنىدە قۇملۇقتا ئېچىلغان گۈلنى \ ساياھەتچىلەر قالار ھەيران، سىغماس ھېچ ئەقلى \ بەلكىم بۇرۇن ئىشەنچىم كەم يىلتىز تارتىشقا \ ئەمما ھازىر مەي باغلىدى مېۋەم ھەرجايدا»... دېگەن تېكىستلەردىمۇ سىرتتا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالغۇچىنىڭ يۇرتىغا بولغان قىيالماسلىقى، مۇھەببىتى، ھۆرمىتى، مەدھىيەسى ئىپادىلەنگەن.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە ئىككى قېتىم قاتنىشىش ماڭا نىسبەتەن ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم كەچۈرمىش ھېسابلىنىدۇ، مەنمۇ شۇ سەۋەبتىن شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلار بىلەن رىشتە باغلىدىم. شىنجاڭ ساياھىتى، قەشقەر ساياھىتىنى ۋاكالىتەن تەشۋىق قىلدىم، ئۈرۈمچىدە ھاياتىمدىكى تۇنجى مەيدان شەخسىي ناخشا كېچىلىكىمنى ئۆتكۈزدۈم، يېڭى ئىجاد قىلغان ناخشىلارنى تارقاتتىم ... شىنجاڭ بىلەن مېنىڭ ھەربىر قېتىملىق گۈزەل ئۇچرىشىشىمنى ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ۋاقتىدا، تەپسىلىي خەۋەر قىلدى. يۇرتۇم خۇددى بىر جۈپ كۆزگە ئوخشاش باشتىن - ئاخىر ئىللىق نەزەرى بىلەن كەينىمدە تۇرۇپ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ، مېنى قوللاپ، ماڭا بەخت تىلەپ كەلمەكتە.

شىنجاڭلىقلار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر، شىنجاڭنىڭ مۇزىكا، سەنئەت ساھەسىدىكى تەرەققىياتى ئىزچىل مودا ئېقىمىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ كەلدى، بۇ، ياشلار ياخشى كۆرىدىغان رەپ، hiphop قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ ئالاقە تورى دەۋرىدە، ئىلگىرى زور كۈچ سەرپ قىلغاندا ئاندىن كىشىلەرگە كۆرسەتكىلى، ئاڭلاتقىلى بولىدىغان مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ھازىر پەقەت مۇنەۋۋەر ئەسەر بولسىلا، ئېقىم مىقدارىنى جەلپ قىلىپ، يېتەرلىك تارقىتىش سالمىقىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، يەنە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق پەيتتىكى كېڭەيتىش ۋە تەشۋىق قىلىش قوشۇلسا، ئۆز تاماشىبىنلىرى ئالدىدا نامايان بولالايدۇ.

ھەربىر دەۋردىكى مودا مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەھمىيىتى بار. يېڭى دەۋردە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى بىز مۇزىكانتلارنى ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ كۆرۈشىنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. مەن بۇ دەۋردىن ئىنتايىن مىننەتدار، مۇزىكانت بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۆپچىلىككە تونۇلۇش ۋە ئۇلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىش دەۋر ماڭا بەرگەن شەرەپ.

شىنجاڭ مىللىي مۇزىكىلىرىنىڭ ماڭا بولغان تەسىرى ناھايىتى زور، مەن ئىجاد قىلغان نۇرغۇن ناخشا - مۇزىكىلارنىڭ ھەممىسىگە شىنجاڭ ئامىللىرى سىڭدۈرۈلگەن. مەسىلەن، تەڭكەش مۇزىكىلاردا شىنجاڭ مىللىي چالغۇلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش، ئون ئىككى مۇقام بىلەن رەپ مۇزىكىسىنى يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، مۇزىكا ئىشلەش جەريانىدا مىللىي كۈي شەكلىنى سىڭدۈرۈش ... مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ، ئىجادىيىتىمدىكى بىر خىل تۇغما ئىقتىدار.

شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقنىڭ ماڭا بارلىق ئىلھام، قىزغىنلىق، تۇغما تالانت ۋە پۇرسەتلەرنى بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان بۇ قىزغىن مۇھەببىتىمنى تەرەپ - تەرەپكە تارقاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

ئىجادىيىتىم داۋاملىشىۋاتىدۇ، يۇرتۇمنى مەدھىيەلەشنىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمەن.

(ئاپتور جۇڭگو مودا رەپ ناخشىچىسى، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تەشۋىقات ئەلچىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.