تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«ئۇچار يولۋاس دوستلۇقى»نى يەتكۈزۈپ، دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز

ئامېرىكا - جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا زىيارەتتە بولدى

​«ئۇچار يولۋاس دوستلۇقى»نى يەتكۈزۈپ، دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ

11 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، ئامېرىكا - جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جېف گېرىن باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭدا زىيارەتتە بولدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ تارىخىي سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى، «ئۇچار يولۋاس ئەترىتى دوستلۇق مەكتىپى» مۇناسىۋىتى ئورناتتى، مۇزېي، مەدەنىيەت مەركىزى ھەمدە شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، مىللەتلەر سەنئىتى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

«بۇ شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى نىيە خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان <شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر> دېگەن خەت كەشتىلەنگەن خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكى بولۇپ، تارىخىي ئەمەلىي بۇيۇملار جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ 2000 يىل ئىلگىرىلا چوڭقۇر ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ...» شىنجاڭ مۇزېيىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر چۈشەندۈرگۈچىگە ئەگىشىپ شىنجاڭ تارىخىنىڭ تەرەققىيات تومۇرى ۋە مەدەنىيەت ئاساسىنى چۈشىنىپ، قەدىمدىن ھازىرغىچە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يۇرت - ماكانىنى ئورتاق قۇرغانلىقىدەك شانلىق مۇساپىنى ھېس قىلدى.

«ئۇچار يولۋاس ئەترىتى روھى ھەمكارلىق ۋە دوستلۇقنىڭ سىمۋولى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى ئۇرۇش مەزگىلىدە قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ناھايىتى يېقىن ئۆتكەن، بۇ خىل روھ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئەستە ساقلىشى، ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشىغا ئەرزىيدۇ.» ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ «قەھرىمانلارنى ئەستە ساقلاش − ئۇچار يولۋاس ئەترىتى باش تېمىسىدىكى تارىخىي سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى سەييارە كۆرگەزمىسى (شىنجاڭ)» كۆرگەزمە كۆزنىكى ئالدىدا، ئامېرىكا - جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇچار يولۋاس ئەترىتى 14 - ئاۋىياتسىيە ئەترىتى 40 _ P كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسىنىڭ ئوغلى كىلىفۇرد. راي. لاڭ - 2 كۆرۈرمەنلەرگە دادىسىنىڭ جۇڭگودىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇچار يولۋاس ئەترىتىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرنىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئۇچار يولۋاس ئەترىتى تارىخىنىڭ جۇڭگودا ئۈزلۈكسىز تارقالغانلىقىدىن خۇشال بولدى.

1941 - يىلى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا جياڭجۈنى چېن ناۋلېت «جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى ئامېرىكا پىدائىيلىرى جۇڭگوغا ياردەم بېرىش ئاۋىياتسىيە ئەترىتى» (ئۇچار يولۋاس ئەترىتى)نى تەشكىللەپ، جۇڭگوغا ياردەم بېرىپ ئۇرۇش قىلغان. بۇ جەرياندا، ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ 2000دىن ئارتۇق ئامېرىكىلىق ئەترەت ئەزاسى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان، بەختكە يارىشا ئامان قالغان 200دىن ئارتۇق ئەترەت ئەزاسىنى جۇڭگو خەلق ئاممىسى قۇتقۇزۇۋالغان، نۇرغۇن جۇڭگولۇق قۇتقۇزۇش جەريانىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان. 1998 - يىلى، ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنى خاتىرىلەش ۋە جۇڭگو - ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە تارىخىي ۋەقەلىرى تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا - جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلغان.

بۇ قېتىمقى سۈرەت كۆرگەزمىسى تۆت قىسىم، 15 بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 312 پارچە قىممەتلىك تارىخىي سۈرەت ھەم ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ ھەربىي فورمىسى، ھەربىي شەپكىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق، ئۇچار يولۋاس ئەترىتى تەشكىللەنگەندىن تارتىپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى، خەلقىنىڭ بىرلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرغانلىقى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى ئورتاق قولغا كەلتۈرگەنلىكىدەك ھېكايىلەر بايان قىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى، خەلقىنىڭ پىداكارلىق كۆرسىتىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغانلىقىدەك دوستلۇقى نامايان قىلىنغان.

«<ئۇچار يولۋاس ھېكايىسى> ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق تارىخىي بايلىقى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى ئىلگىرى چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان، تارىخنى ئەسلىسەك، بۇ بىزنىڭ ھازىرقى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى كۆزىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.» جېف گېرىن باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق تونۇشتۇردى: جۇڭگو شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس ئەترىتى باش تېمىسىدىكى تارىخىي سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى جۇڭگو سەييارە كۆرگەزمىسىنىڭ 4 - بېكىتى، 82 يىل ئىلگىرى، ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تىيانشان تېغى، كوئېنلۇن تېغىدىن ھالقىپ، «توفېڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى»نى ئېچىپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن بىر سەپتە دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ، تاجاۋۇزچىلارغا زەربە بەرگەن.

12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ داشۆ خۇڭخۇ مەكتەپ رايونىغا كېلىپ، شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ تارىخى سارىيىغا كىرىپ، شىنجاڭدىكى 100 يىللىق بىلىم يۇرتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئىگىلىدى، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى، قەشقەر داشۆ، ئىلى سىفەن داشۆسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى 1 - ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 70 - ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق يەتتە مەكتەپكە «ئۇچار يولۋاس ئەترىتى دوستلۇق مەكتىپى» دېگەن لەۋھە بېرىپ، ئىككى دۆلەت ياشلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.

جېف گېرىن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2022 - يىلى، ئامېرىكا - جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى «ئۇچار يولۋاس ئەترىتى دوستلۇق مەكتىپى ھەم ياش رەھبەرلەر پىلانى»نى يولغا قويۇپ، «ئۇچار يولۋاس ئەترىتى» روھىغا ۋارىسلىق قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلق ئىچى دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتتى. كېلەر يىلى، فوند جەمئىيەت ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەتتە بولۇشقا تەشكىللەيدۇ، زىيارەت مەنزىلى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.