تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش، قۇمدىن پايدىلىنىشقا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇپ، غەربىي شىمالنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش

​− «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نى يېشىپ چۈشەندۈرۈش

■شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى چۆللەشكەن، قۇملاشقان تۇپراق كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، قۇم - بوران زىيىنى ئەڭ ئېغىر ئۆلكە بولۇپ، تۇپراقنىڭ قۇملىشىشىنى توسۇش، قۇملاشقان تۇپراقنى تىزگىنلەش شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم نۇقتا

■ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خاس قۇملۇق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «قۇم تىزگىنلەش»نى «بېيىتىش» بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خاس قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تۇتقىسى سۈپىتىدە زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى

■ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دىققەتنى «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇنىي كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نازارەتچىلىك ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي

يېقىندا، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش چارىسى» دېيىلدى) ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، 2025 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى «يولغا قويۇش چارىسى»نى يېشىپ چۈشەندۈردى.

چۆللىشىش يەنىلا ئەڭ ئېغىر ئېكولوگىيە مەسىلىسى

شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى چۆللەشكەن، قۇملاشقان تۇپراق كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، قۇم - بوران زىيىنى ئەڭ ئېغىر ئۆلكە بولۇپ، تۇپراقنىڭ قۇملىشىشىنى توسۇش، قۇملاشقان تۇپراقنى تىزگىنلەش شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم نۇقتا.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاخبارات باياناتچىسى مەريەم ئىسمايىل مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭنىڭ ئەسلىدىكى «يولغا قويۇش چارىسى» يولغا قويۇلغان 16 يىلدىن بۇيان قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنىڭ قانۇنچىللىق يولىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «قۇم ئىلگىرىلەپ، ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ، قۇم چېكىنىش»كىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، لېكىن تۇپراقنىڭ چۆللىشىشى يەنىلا ئەڭ ئېغىر ئېكولوگىيە مەسىلىسى.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، قانۇنچىللىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «يولغا قويۇش چارىسى»نى ئۆزگەرتىشنى بەش يىللىق نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىغا قويۇپ، 2024 - يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ پائال ئالغا سىلجىتتى.

«ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى چارىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە قاراپ چىقتى ھەم مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چاۋ چۈنيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ خىزمەتلەر چارىنى ئۆزگەرتىش ئېھتىياجىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش، مەسىلىگە قارىتا چارىنى ئۆزگەرتىشكە پۇختا ئاساس سالدى.

ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «يولغا قويۇش چارىسى»دە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپى، تەلىپى ۋە خىزمەت مېخانىزمى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنىڭ پەن - تېخنىكا تىرىكى كۈچەيتىلىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنىڭ قاتتىق چەكلىمىسى كۈچەيتىلىپ، سۇغا قاراپ بېكىتىش، سۇنى ئۆلچەپ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلدى ھەم كاپالەت تەدبىرلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

خاس قۇملۇق كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جوۋ چىن مۇنداق بىلدۈردى: «يولغا قويۇش چارىسى»دە شىنجاڭنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىدىيەسى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلۈپ، ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەش، سىستېمىلىق تىزگىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىلدى.

«يولغا قويۇش چارىسى»دە قۇملاشقان تۇپراقنى تىزگىنلەشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يەنى ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆللۈك ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇملۇق، چۆل - باياۋاننىڭ چېتى ۋە بوستانلىق، ۋادى، تاغ سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىرلىكى قىلىپ، قۇملۇقنى تۇراقلاشتۇرۇپ، يېرىم تۇراقلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش؛ نۇقتىلىق تىزگىنلەش پىلانلانغان قۇملاشقان تۇپراققا قارىتا، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قۇرۇلۇش بىلەن جانلىقلارنى بىرلەشتۈرۈش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئورمان، ئوتلاق، ئۆسۈملۈك تۈرى ۋە ئۇنىڭ زىچلىقىنى ئىلمىي تەقسىملەپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خاس قۇملۇق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «قۇم تىزگىنلەش»نى «بېيىتىش» بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خاس قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تۇتقىسى سۈپىتىدە زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. «شۇڭا، <يولغا قويۇش چارىسى>گە قۇملاشقان تۇپراقتىن پايدىلىنىش دېگەن مەخسۇس بىر باب كۆپەيتىلىپ، ھەرقايسى جايلار قۇملاشقان تۇپراقنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يەنە قۇملۇق يەر بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىشقا يېتەكلەندى» دېدى جوۋ چىن.

«يولغا قويۇش چارىسى»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەبىئەت ۋە ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، قۇم تىزگىنلەشنى بېيىتىش بىلەن، يېشىللىقنى كۆپەيتىشنى كىرىمنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ياخشى قوغداش ھەمدە سۇ بايلىقى شارائىتى يار بەرگەن ئاساستا، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، تۇپراق، جانلىق، مەنزىرە قاتارلىق بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، سۇ تېجەش، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، مۇھىت قوغداش تىپىدىكى خاس قۇملۇق كەسپىنى مۇۋاپىق، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

«يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

«يولغا قويۇش چارىسى» ماقۇللانغان كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلۇپ، باسقۇچلۇق نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇ لىدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇ لىدۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: قۇمنى ئىلمىي تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ۋە قۇملۇق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ھازىرقى نۇقتىلىق خىزمىتى، «بىز <يولغا قويۇش چارىسى>گە بىرلەشتۈرۈپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى ماتېرىيالى، يېڭى جابدۇقى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قۇملۇق رايون خاسلىقىغا ئىگە سۇ تېجەش تىپىدىكى ئورمان، ئوتلاق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قۇملۇق كەسپى بىلەن ساياھەت، مەدەنىيەت، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز».

«<يولغا قويۇش چارىسى>نىڭ يۈرۈشلۈك سىياسەتلىرىنى تېزدىن تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتىكى <توققۇز ماددىلىق تەدبىر>دىن ياخشى پايدىلىنىمىز.» جۇ لىدۇڭ مۇنداق دېدى: سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشكە قاتنىشىشى ئۈچۈن ياخشى بولغان قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىپ، كارخانىلارنى قۇم تىزگىنلەشتىن نەپكە ئېرىشىش، ئاممىنى قۇم تىزگىنلەشتە كاپالەتكە ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغايمىز.

«ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش نازارەتچىلىكى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىدۇ.» مەريەم ئىسمايىل مۇنداق دېدى: دىققەتنى «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇنىي كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نازارەتچىلىك ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.