تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى

​738 مىڭ 300 ئائىلىدىكى ئاھالىگە نەپ يەتكۈزۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 2024 - يىلى شىنجاڭنىڭ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 2 - قارارلىق ئاھالىلەرنى پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش - ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى دېيىلدى) بويىچە 248 مىڭ 400 ئائىلىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملانغان. بۇ يەنە ئۈچ يىل داۋاملاشقان «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىپ، يېزىلاردىكى 738 مىڭ 300 ئائىلىدىكى ئاھالىنىڭ قىشلىق ئىسسىنىش مەسىلىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى 2022 - يىلى باشلانغان، بۇ قۇرۇلۇش بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، 43 ناھىيە (شەھەر، رايون)، 439 يېزا (بازار)، 3896 كەنتنى قاپلايدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى بىناكارلىق ئېنېرگىيە تېجەش ۋە پەن - تېخنىكا، مائارىپ باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى لى چاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاممىنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ماس كېلىش سەۋىيەسىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى، جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى؛ كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىشتا كۆمۈر ئىشلىتىش مىقدارىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىپ، يېزىلارنىڭ قىش پەسلىدىكى ئاتموسفېرا مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلىدى، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى تەدرىجىي نامايان بولدى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ھەرقايسى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئاپپارات تەشكىللەش، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش ۋە سۈپەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىپ، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىنى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىگە كىرگۈزۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىللىق خىزمەت پىلانى تۈزۈپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشنى قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق يولغا قويۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى.

كېيىنكى قەدەمدە، ھەرقايسى جايلار مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاسراش - قوغداش مۇلازىمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى جايلار كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىشكە ئالاقىدار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، دېھقانلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، توك بىلەن ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.