تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شىنجاڭدا تاشيول پورتىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60تىن كۆپرەك ئاشتى

«تاشيول پورتى + تەۋە جاي بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى​

شىنجاڭدا تاشيول پورتىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60تىن كۆپرەك ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 2023 - يىلى 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلغان «تاشيول پورتى + تەۋە جاي بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى ئىسلاھاتى ئالاتاۋ پورتىدا يولغا قويۇلدى. بۇ يىل 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە، بۇ ئەندىزە شىنجاڭدىكى يەتتە تاشيول پورتى ۋە ئىككى تەۋە جايدىكى كەسپىي نەق مەيداندا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى تاشيول پورتلىرى ئارقىلىق ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى 14 مىليون 36 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.1 ئاشتى.

«تاشيول پورتى + تەۋە جاي بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى ئىسلاھاتى جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە پۈتۈن شىنجاڭدا كۆپەيتىلگەن، كېڭەيتىلگەن 11 تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى ۋە تىپىك مىسالىنىڭ بىرى. بىر يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئىسلاھات سالمىقىنى تېزلىتىپ، قارىمىقىدىكى تاموژنىلاردىن ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى پورتلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، «تاشيول پورتى +تەۋە جاي بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى ئىسلاھاتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، دولاتا پورتىدا، لىق يۈك قاچىلانغان ئاپتوموبىللار چېگرادىن چىقىش ئەقلىي ئىقتىدارلىق چازىسىدا ئاپتوماتىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن چېگرادىن چىقىۋاتاتتى. 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، دولاتا پورتىدا «تاشيول پورتى + تەۋە جاي بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلۇپ، ئېكسپورت ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىسى 12 تۈردىن تۆت تۈرگە ئازايتىلدى. بۇ، شىنجاڭدىكى بۇ ئەندىزە ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان 7 - تاشيول پورتى.

3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، بۇ تۈرلۈك ئىسلاھات قەشقەر ۋىلايىتىدە يولغا قويۇلدى. ئېكسپورتتا تاموژنىدا يۆتكىلىدىغان ماللار قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئەركەشتام، تورغات، قاراسۇ، قونجىراپ پورتىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈپ چېگرادىن چىقىرىلىپ، ئومۇمىي تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى %70 قىسقاردى.

«تاشيول پورتى + تەۋە جاي بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى تۇنجى بولۇپ يولغا قويغان ئالاتاۋ پورتىدا ئىسلاھات غايەت زور ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرماقتا. ئىسلاھاتتىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، پورتتا 100دىن ئارتۇق تاشقى سودا شىركىتى يېڭىدىن كۆپەيدى. ئالدىنقى ئون ئايدا، ئالاتاۋ تاشيول پورتىدا ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك تىرانسپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.8 ئاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئەندىزە ئالاتاۋ، قورغاس، تورغات، ئەركەشتام، قونجىراپ، قاراسۇ، دولاتا پورتى، شۇنداقلا قەشقەر، ئۈرۈمچىدىمۇ يولغا قويۇلدى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسى پورت نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى سۈي شىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۈرۈمچى تاموژنىسى «بىر پورتقا بىر لايىھە بولۇش» پىكىر يولىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ «ئاقىل پورت» ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، «تاشيول پورتى + تەۋە جاي بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسىنى كۆپەيتىش، كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، «بەدەننى ئۆلچەپ كىيىم پىچىپ» كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى ھەم شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن مەشغۇلات نەق مەيدانىدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى.

11 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ بويىچە توققۇز مەشغۇلات نەق مەيدانىدا بۇ ئەندىزە مۇقىم يۈرۈشتۈرۈلدى، غۇلجا، جېمىنەي قاتارلىق تاموژنىلار كونكرېت ئىسلاھات لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى ھەم يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ يانداش ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.