− تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش ئىلھامى (3)
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا
337 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىغا «يېشىل شارپا» تاقاش ھەرگىز ئاسان ئىش ئەمەس.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم لوپنۇر كەندىرى تېرىشتىن تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولتتىن توك چىقىرىش ئارقىلىق سۇ ئېلىپ قۇم تىزگىنلەشكىچە؛ زامانىۋى چۆل - باياۋان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىن توشقانزەدىكىنى يۇقىرى ھوسۇللۇق، مۇقىم ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىغىچە... تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش ئۇزاق مۇساپىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇمنى ئىلمىي تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پەن - تېخنىكا كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ دادىل ئىزدىنىپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش يېڭى يولىنى تىپىپ چىقتى.
قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش
11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، چىرا ناھىيەسى چىرا يېزىسىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە قۇرۇلۇش نۇقتىسىدا، تېرىقچىلىق ئائىلىسىدىكى 20 نەچچە كىشى ياتقۇزۇپ بولۇنغان تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغىنى بويلاپ يۇلغۇن كۆچىتى تىكىۋاتاتتى، ئانچە يىراق بولمىغان جايدا يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى بار ئىدى.
«تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى بار بولغاچقا، يېقىن ئەتراپتا توك چىقىرىپ سۇ تارتىپ يۇلغۇننى سۇغىرالايدىغان بولدۇق، ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىرىدىن توك سىمى تارتىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى، بۇ، سېلىنما تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.» بۇ يېزىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى مەمەتئېلى يارى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يېنىدىكى سۇ قۇدۇقىنىڭ كىلاپانىنى ئاچقاندا، سۇ ئېتىلىپ چىقتى.
ئىلگىرى سۇ، توك بولمىغاچقا، قۇمنى تىزگىنلەپ تېرىقچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئويلىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا «قۇمغا قاراپ ئامالسىز قېلىش»قا توغرا كېلەتتى. تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، دېھقانلار پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچىنى كۆردى، سېلىنمىسى تۆۋەن، ئىشلىتىشى جانلىق، باشقۇرۇشى قولايلىق بولغان تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە بارغانسېرى كۆپ قوللىنىلدى.
شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى چۆللەشكەن، قۇملاشقان تۇپراق كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە چۆللەشكەن تۇپراق 1 مىليون 68 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ يەر كۆلىمىنىڭ %64.18ىنى ئىگىلەيدۇ؛ قۇملاشقان تۇپراق 746 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ يەر كۆلىمىنىڭ %44.86ىنى ئىگىلەيدۇ.
ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيەت داۋامىدا، شىنجاڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى قايتا - قايتا سىناق قىلىپ سېلىشتۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنىڭ بىر تۈركۈم ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى.
چىرا ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، تارىختا ناھىيە بازىرى قۇم - بوراننىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئۈچ قېتىم كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان، رەھىمسىز ئېكولوگىيەلىك شارائىت چىرا ناھىيەسىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەپ قويغانىدى.
20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، شىنجاڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى چىرا ناھىيەسىدە قۇملۇق تەتقىقات پونكىتى تەسىس قىلىپ، 40 نەچچە يىل داۋاملاشقان قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، قۇرغاق رايوندا كۆچمە قۇمنى تىزگىنلەشنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇداپىئە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، چىرا ناھىيەسىدىكى كۆچمە قۇمنى ئون نەچچە كىلومېتىر چېكىندۈرۈپ، ناھىيە بازىرىغا بولغان تەھدىتنى تۈگەتتى. نۆۋەتتە، چىرا ناھىيەسىنىڭ ئادەم كۈچىگە تايىنىپ يۇلغۇن ئۆستۈرۈش، توشقانزەدىكى ئۇلاش كۆلىمى 43 مىڭ 700 موغا يېتىپ، قۇملۇق رايون ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، شىنجاڭدا قۇملۇقنىڭ ئالدىنقى سېپى، قۇملۇق - بوستانلىق ئۆتكۈنچى بەلبېغى، بوستانلىق ئەتراپىدا بەرپا قىلىنغان ئۈچ دەرىجىلىك مۇداپىئە سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى؛ قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە ئۆسۈشكە ماس كېلىدىغان بىر تۈركۈم ئەلا سورتلۇق دەرەخ تۈرلىرى تاللاپ يېتىشتۈرۈلدى، كېڭەيتىلدى؛ مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى؛ ئوت - چۆپ كاتەكچىسى قۇرۇلۇشىنىڭ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى. پەن - تېخنىكىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى چۆللەشكەن، قۇملاشقان تۇپراقنىڭ كېڭىيىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى.
ئىلمىي تەپەككۇر ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش
2023 - يىلى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا، «قۇمنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، چۆللۈك ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. بۇ، يېڭى مەزگىلدە شىنجاڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىشى، قۇم تىزگىنلىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2023 - يىلى 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش ئاتاكا سىگنالىنى ياڭراتتى.
قانداق قىلىپ بۇ مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئېنىقكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۈچۈن مۈشكۈل بىر سىناق. ئۇ بىزنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى قۇم - بوران زىيىنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىمىزگە باغلىق، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېنىقسىز قىيىنچىلىق ئالدىدىكى كۈچلۈك ئىرادىسىگە باغلىق، قۇم تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك ئامىللارنى ئۈنۈملۈك قوزغىتىش ۋە بىرىكتۈرۈشكە باغلىق. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇشنىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ سېلىنمىسىنىڭ كۆپلۈكى، مۇرەككەپلىك دەرىجىسىنىڭ چوڭلۇقى شىنجاڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان.
مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ قۇمنى ئىلمىي تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش بۇنىڭ ئاچقۇچى.
بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭ رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى «بوران، قۇم، چاڭ - توزان» مەنبەسى رايونى ۋە يولى، «سۇ، تۇپراق، گاز»نىڭ باغلىنىش مېخانىزمى ۋە «غوللۇق دەرەخ، چاتقال، ئوت - چۆپ»نىڭ ئىلمىي تەقسىملىنىشىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، قۇرغاق، قۇم - بورانلىق مۇھىتتا گىرۋەكنى قاشالاش قۇرۇلۇشىنىڭ بوشلۇقى، دائىرىسى ۋە ئەندىزىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاشنىڭ ئىلمىي لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى شەھەر، ناھىيە، يېزا - كەنتلەرنىڭ كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
كۆڭۈلدە سان بولدى، يولغا قويۇش تەدبىرىمۇ بار بولدى. قىسقىغىنا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى يېڭىش ئەڭ قىيىن بولغان 285 كىلومېتىرلىق قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، گىرۋەكنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش نىشانىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكى ئوڭۇشلۇق قاشالاپ تۇتاشتۇرۇلدى، بۇ، قۇمنى ئىلمىي تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىدىكى بىر قېتىملىق غەلىبە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېتەكچى ئىدىيە جەھەتتىكى بىر قېتىملىق غەلىبە. توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ بىر جاي، بىر ساھە بويىچە قۇم تىزگىنلەش تەپەككۇرىدىن ھالقىپ چىقىپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قۇملۇقنىڭ گىرۋىكى، ئىچكىرىسىدىكى يەتتە شامال چىقىش ئېغىزى بىلەن ئۈچ شامال ئۇرۇلۇش ئېغىزىنى، قۇم مەنبەسى رايونى بىلەن يول بويى رايونلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلىدى. سۇ ئىشلىتىش، يەر ئىشلىتىش، توك ئىشلىتىش، مەبلەغ قاتارلىق پۈتۈن ئامىللارنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە باشقۇرۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلاش، تارماقلار ماسلىشىش، ۋىلايەت، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمى بەرپا قىلدى. دەل بىر تاختا شاھمات بولۇشتىن ئىبارەت سىستېمىلىق قۇم تىزگىنلەش ئىدىيەسى بولغاچقا، گىرۋەكنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇشتا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈلۈپ، شانلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
«ئىلگىرى قۇم تىزگىنلەش ئادەم بىلەن قۇمنىڭ كۈرىشى ئىدى، ھازىر قۇم تىزگىنلەش ئادەم بىلەن قۇمنىڭ ئىناق ئۆتۈشى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قۇم تىزگىنلەش ئىدىيەسىنىڭ ئىلگىرىلىگەنلىكىنى نامايان قىلدى.» جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن يانىڭ مۇنداق دېدى: قۇم تىزگىنلەش يېڭى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، سۇغا ئاساسەن كۆكەرتىش كۆلىمىنى بېكىتىشتىن ئىبارەت قۇم تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، سۇ بايلىقى شارائىتى نىسبەتەن ياخشى رايونلاردا، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش ئۇسۇلىنى ئالدىن قوللاندى؛ سۇ بايلىقى شارائىتى نىسبەتەن كەمچىل، بوستانلىقتىن يىراق رايونلاردا، ئاساسلىقى يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەشنى قوللاندى؛ سۇ بايلىقى شارائىتى ھازىرلانمىغان، يورۇقلۇق ۋولت ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش شارائىتىمۇ تەلەپكە يەتمىگەن جايلاردا ئاساسلىقى قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەشنى ئاساس قىلدى. بۇ خىل شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش ئۇسۇلى ھەرقايسى جايلارنىڭ قۇم تىزگىنلەش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولدى، كېرىيە ناھىيەسىدە «پەلەمپەيسىمان ئېتىز ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش»، شايار ناھىيەسىدە يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىپ سۇ تارتىپ قۇم تىزگىنلەش قاتارلىق تىپلار بارلىققا كېلىپ، كارخانا، جەمئىيەت، دېھقانلارنى پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، قۇملۇق كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا، قۇم تىزگىنلەشكە ھەم بېيىشقا تۈرتكە بولدى.
پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇملۇق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش
ھازىر قىش پەسلى كىردى، شىنجاڭدا ئۆي سىرتىدا يېشىللىقنى كۆرۈش ناھايىتى تەسكە توختايدۇ، خوتەن ناھىيەسى شىنجاڭ شېڭشى خۇاچياڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىكى 10مىڭ مولۇق پارنىك بازىسىغا كىرگەندە، ياپيېشىل، قىپقىزىل كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.
بۇ شىركەت 2019 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇملۇقتا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەيدىغان پارنىكتىن 1000نى قۇرۇپ، شوخلا، خاڭگا، لازا، چەيزە، تاۋۇز، قوغۇن، ساۋمېي، گىلاس قاتارلىق مېۋە، كۆكتاتلارنى ئۆستۈردى، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 240 مىليون يۈەن بولدى.
شىركەت جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەھەر يېزا ئىگىلىكى تەتقىقات ئورنى قاتارلىق پەن تەتقىقات ئاكادېمىيەسى - ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ، چۆللۈك پارنىكى تېخنىكىسى، چۆللۈكتە ئاساس ماددا ئارقىلىق يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى، سۇ تېجەش تېخنىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلدى، پايدىسى ئېتىز زىرائەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭكىدىن بەش ھەسسىدىن ئون ھەسسىگىچە كۆپ بولۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى.
«تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىنىڭ مۇھىتى ناچار، سۇ بايلىقى كەمچىل بولۇپ، قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يىرىك شەكىلدىكى كونا يولدا مېڭىشقا بولمايدۇ، پەن - تېخنىكىنى تىرەك قىلىپ، ھاسىلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئېكولوگىيە بىلەن ئىقتىسادتا قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەھەر يېزا ئىگىلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ باش ئالىمى ياڭ چىچاڭ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بايلىقى ئىنتايىن مول، قۇملۇق ۋە چۆللۈك كۆلىمى كەڭ بولۇپ، چۆللۈكتە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پايدىلىق شارائىتقا ئىگە، ئىلمىي پىلانلاش، ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش ئارقىلىق بەرپا قىلىنىدىغان چۆللۈكتە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى شىنجاڭدا ناھايىتى كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توشقانزەدىكى ۋەكىللىكىدىكى قۇملۇق كەسپى شىنجاڭدا تېز تەرەققىي قىلدى، پەن - تېخنىكا كۈچ قوشۇش ئارقىلىق توشقانزەدىكى مەھسۇلات مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئاممىغا كۆرۈنەرلىك كىرىم ئېلىپ كەلدى ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى بازىرى ئىتتىك مەھسۇلات بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپىدا توشقانزەدىكى، قۇملۇق قىزىلگۈلى، چۈچۈكبۇيا ئۆستۈرۈش قاتارلىق خاس تېرىقچىلىقتا بەلگىلىك كەسىپ كۆلىمى شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پىششىقلاش، ساقلاش، توشۇش، سېتىش قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قۇملۇق كەسىپ زەنجىرى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلدى.
قۇملۇق كەسپى بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئىلمىي ئىدىيە ۋە ئۇسۇلدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا كۆڭۈلدىكىدەك پايدىغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاجىز مۇھىت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا، قۇملۇق كەسپىگە بىلىم كۆجۈملەشكەن پەن - تېخنىكا تىپىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ، دەپ ئېنىقلىما بېرىلدى، پەقەت پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇملۇق كەسپىنى قوراللاندۇرغاندىلا، ئۈنۈمسىز تۇپراقتا ئىقتىساد بىلەن ئېكولوگىيە ئۈنۈمىدە قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
«تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش بىزنىڭ قۇمنى ئىلمىي تىزگىنلەش، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى.» چېن يانىڭ مۇنداق قارىدى: ئىلىم - پەن تەبىئەت ئۈستىدە ئىزدىنىش، دۇنيانى چۈشىنىش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى بىر خىل مېتودولوگىيە ۋە بىلىم سىستېمىسى بولۇپ، قۇمنى ئىلمىي تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ قۇم - بوران قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ دەل جايىدا تونۇپ، قۇم تىزگىنلەش جەريانىنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا، تۈجۈپىلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قۇملۇق كەسپىدە ھاسىلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا پايدىلىق.