تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «يولغا قويۇش چارىسى» دېيىلدى) كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «يولغا قويۇش چارىسى» 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان بولۇپ، ئومۇمىي پىرىنسىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانى، تۇپراقنىڭ قۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇملاشقان يەرنى تۈزەش، قۇملاشقان يەردىن پايدىلىنىش، كاپالەت تەدبىرى، قانۇنىي جاۋابكارلىق ۋە قوشۇمچە پىرىنسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جەمئىي سەككىز باب، 40 ماددا. تەشۋىقات - تەربىيەنى كۈچەيتىش، سىستېمىلىق قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇملۇق ئىقتىسادىي كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىش - پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «يولغا قويۇش چارىسى»دە بار بولغان تەجرىبىلەر مۇستەھكەملىنىپ ۋە ئۆستۈرۈلۈپ، تۈزۈمدىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، شىنجاڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇش ۋە قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەش بىرقەدەر مۇكەممەل قانۇن - نىزام ئاساسى بىلەن تەمىنلەندى.

«يولغا قويۇش چارىسى»دە مۇنداق بەلگىلەندى: قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، رايونلارغا ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش، سۇغا ئاساسەن كۆكەرتىش كۆلىمىنى بېكىتىش، ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش، تىزگىنلەش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

«يولغا قويۇش چارىسى»دە تۇپراقنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا قارىتا كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلدى؛ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش، سىستېمىلىق تىزگىنلەش، مەنبەدىن تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە ئورمانچىلىق - ئوتلاق، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، سۇ مەمۇرىيىتى قاتارلىق كۆپ تارماق ۋە مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە ئورتاق ياخشى ئىشلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ئېكولوگىيەنى ياخشى قوغداش ھەم سۇ بايلىقى شارائىتى يار بەرگەن ئاساستا، «ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ خاس كەسىپلەرنى مۇۋاپىق، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قۇملىشىپ كەتكەن يەردىن پايدىلىنىش ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى؛ كاپالەت تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، جەمئىيەت كۈچلىرىنى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا يېتەكلەشكە قارىتا بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.