تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك

شى جىنپىڭ 4 - قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى​

ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك

​سەي چى قاتناشتى، دىڭ شۆشياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا 4 - قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بېيجىڭدا 4 - قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىرقى كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىتتا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن پۇرسەت خىرىستىن چوڭ. بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما جاۋشۈ، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن لى، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مېڭخۇي، جۇڭگو باۋۋۇ پولات - تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خۇ ۋاڭمىڭ، يىشىنئوۋ سودا مۇلازىمەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى فېڭ شۈبىن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شىڭ گۇاڭچېڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: 2013 - يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش باشتىن - ئاخىر تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردى، ھەمكارلىق ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ھەمكارلىق دائىرىسى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، ھەمكارلىق قاتلىمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، خەلقئارا چاقىرىق كۈچى، تەسىر كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇقنى كۈچەيتىش، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە جۇڭگو تۆھپىسى قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، قىسمەن دائىرىلىك توقۇنۇش ۋە داۋالغۇش ئۈزۈلمەي يۈزبەردى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا جايىدا تاقابىل تۇرۇپ، جۇغراپىيەلىك توقۇنۇشنىڭ تەسىرىنى ئۈنۈملۈك يېڭىپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش بىلەن ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەملىكەت سىرتىدىكى مەنپەئىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىردى. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئوچۇق، يېشىل، پاك بولۇش، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش يېتەكچى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرلەشتۈرۈش، ھۆكۈمەت يېتەكلەش بىلەن بازارنىڭ يۈرۈشۈشىنى بىرلەشتۈرۈش، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ھەرىكەت ھالىتىدە ئەلالاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مىقدارنى ئاشۇرۇش بىلەن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»، قائىدە - ئۆلچەملەرنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش» ۋە ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەت خەلقى بىلەن «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار ۋە «ئاددىي ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەش بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا قەدەمدە كېڭەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ ئېلاستىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»، «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»، «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش»نى ماس ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئىچكى - تاشقى ماسلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەت سىرتىدىكى مەنپەئەتكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەلقئارا تارقىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاك يىپەك يولى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەپ، دادىللىق بىلەن تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىدىيەسى چوڭقۇر، بايانلىرى مۇپەسسەل، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، كېيىنكى ئالتۇن ئون يىلدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلەپ، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز، ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، بىخەتەرلىك ئېڭى، سىستېمىلىق قاراش، خەلقئارا نەزەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىستېمىلاشتۇرۇش، مېخانىزملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىجىل تۈردە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، تاشقى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم داڭلىق، سالمىقى بار ھەمكارلىق ماركىلىرىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئۈلگىلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك زور نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ ئېلاستىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى بىرلىكتە يارىتىشى كېرەك.

ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىس - ئالىملار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.