تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي خەۋەر قىلىدۇ) بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى. بۇ سىياسەت يىل ئاخىرىدا ئاخىرلىشىدۇ، كارخانىلارنىڭ «بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك سىياسەت پايدىسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار خادىملار ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ تېزدىن تورغا چىقىپ، ئۇچۇرلارنى جەزىملەشتۈرۈشىنى ئەسكەرتتى.
ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش سىياسىتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى 12 ئايدىن ئارتۇق تولۇق تاپشۇرغان ھەمدە نۆۋەتتە سۇغۇرتىغا نورمال قاتناشقان ۋە ھەق تاپشۇرۇۋاتقان ھالەتتە بولسا، ئۆتكەن يىلى خادىم قىسقارتمىغان ياكى خادىم قىسقارتىش نىسبىتى ئۆتكەن يىللىق مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى كونترول قىلىش نىشانىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا، خىزمەتچى خادىمى 30(30 كىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن بولغان سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلارنىڭ خادىم قىسقارتىش نىسبىتى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %20ىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. چوڭ تىپتىكى كارخانىلارغا كارخانا ۋە كاخانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئالدىنقى يىلى ئەمەلىي تاپشۇرغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ %30ى بويىچە، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا %60ى بويىچە قايتۇرۇلىدۇ.
جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، فوند جەمئىيەتلىرى، جەمئىيەت مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى، ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى، بوغالتىرلىق ئورۇنلىرى، ئورۇن شەكىلدە سۇغۇرتىغا قاتناشقان يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە مۇشۇ سىياسەتتىن پايدىلىنىپ يولغا قويۇلىدۇ.
سىياسەتنى يولغا قويۇش جەريانىدا، «سىياسەت كارخانىنى ئىزدەش، ئىلتىماس قىلىشنى كەچۈرۈم قىلىپ شۇ ھامان بەھرىمەن قىلىش»تەك بېجىرىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئارقا سۇپا چوڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈپ، ئۇچۇر سىستېمىسى، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كارخانىلارغا ئۇچۇر يوللاش كېرەك. ئەمگەك مۇلازىمىتى ئەۋەتكۈچى ئورۇن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىشتەك بېجىرىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىغا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.
11-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە 17 مىڭ 263 كارخانا ئۇچۇرلارنى جەزىملەشتۈرمىگەن. كارخانىلارنىڭ «بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك سىياسەت پايدىسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشى»ىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار خادىملار ھەرقايسى كارخانىلارغا مۇنداق ئەسكەرتتى: «شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئاممىۋى مۇلازىمىتى سۇپىسى(新疆人社公共服务平台)»غا كىرىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش كۆزنىكىدىكى ئەسكەرتمىنى كۆرگەندىن كېيىن، «قوشۇلىمەن (同意)»نى چېكىپ، تەكشۈرۈلۈش داۋامىدا ئېكراندا باشقىچە پىكىر ئېلان قىلىنمىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ياردەم پۇل مەبلىغىنى ئىدارىنىڭ ھېساباتىغا بىۋاسىتە ئۇرۇپ بېرىدۇ. ئەگەر ئالاقىدار كارخانىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇچۇرلارنى جەزىملەشتۈرمىسە، 2024-يىللىق ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش سىياسىتى ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.