تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

[سۈرەتتىكى شىنجاڭ] گۇچۇڭ ناھىيەسى جىڭنىڭ باغچىسى: تۇمان سۆڭگىسى يۈشۇ دەرىخىنى قاپلىدى قىزىل مېۋىلەر شاخلارغا لىق تولدى

    مەنبە: سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى

    ئاپتورلار: گاۋ لىجۈەن، ليۇ تىڭ 

    11-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ جىڭنىڭ باغچىسىدا، سانجاق-سانجاق دەرەخلەر يالتىراپ تۇرغان مۇز كىرىستاللىرى بىلەن چىڭ ئورالغان بولۇپ، خۇددى چىرايلىق كۈمۈش شايى يېپىنچاقلىۋالغاندەك كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى. ئارىسىغا ھۆسن قوشۇپ تۇرغان قىزىل مېۋىلەر تۇمان سۆڭگىسى ئاستىدا كۆڭۈل قويۇپ ئۆتكۈزۈلگەن تىزىق-تىزىق تاڭخۇلۇغا ئوخشايتتى، ھەم كۆزنى قاماشتۇراتتى، ھەم كىشىنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرەتتى. 

     قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى بىلەن، بۇ تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى تېخىمۇ جۇلالىنىپ، ھەربىر پارچە مۇز كىرىستالى خۇددى قۇياش نۇرى ئاستىدا سەكرەۋاتقاندەك كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك چاقنايتتى. ئورمانلىقتىكى چىغىر يولدا ماڭغاندا، كىشىلەر خۇددى چۆچەكلەردىكى خىيالىي دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك، ھەر بىر قەدىمى خۇشاللىق ۋە شېئىرىي تۈسكە تولغانىدى. 

 (ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: گۇچۇڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.