12-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى سايباغ رايونلۇق چوڭ ئەترىتى دوستلۇق يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى قاردا قاتناشقا قوماندانلىق قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى شەن كۇن فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر شەن كۇن خەۋەر قىلىدۇ) 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ ھەرقايسى چوڭ ئەترەتلىرىدىكى خەلق ساقچىلىرى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قاردا شەھەر يوللىرىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.
12-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شىمىگۇ رايونلۇق چوڭ ئەترىتى نەنخۇ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى قاردا قاتناشقا قوماندانلىق قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى شەن كۇن فوتوسى
شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، يوللار تېيىلغاق بولۇپ، كۆرۈش دائىرىسى كىچىكلەپ، ئىنتايىن زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىگە ئايلاندى. قار ياغقان كۈنلەردە يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ناچار ھاۋا رايىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال قوزغاتتى، خەلق ساقچىلىرى مۇھىم يول ئېغىزى، يول بۆلەكلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، قارغا قارىماي ئاپتوموبىللارنىڭ تەرتىپلىك يۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
12-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) چوڭ ئەترىتى بېيجىڭ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى قاردا قاتناشقا قوماندانلىق قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى شەن كۇن فوتوسى
قاتناش ساقچىلىرى كەڭ شوپۇرلارغا قار ياغقان كۈنى ئاپتوموبىل ھەيدەپ يول يۈرگەندە ئىمكانقەدەر ئاپتوموبىللار بىلەن ئارىلىق ساقلاشنى، ھەرگىز توختىماي ئاپتوموبىل ياندىماسىلىقنى، بەلگىلىك ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى ساقلاشنى، پىيادىلەر كۆپ يول بۆلەكلىرىدە چوقۇم سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، ئالدى تەرەپ ۋە ئەتراپتىكى ئەھۋاللارنى كۆپرەك كۆزىتىشنى، تۇمان بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاندا، تۇمان چىرىغىنى ياندۇرۇپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى ئەسكەرتتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى