ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
يول مۇز تۇتقاندا، چاق بىلەن يول يۈزىنىڭ سۈركىلىش كوئېففىتسېنتى كىچىكلەيدۇ، ئەگەر سۈرئەت، بۇرۇلۇش بەك تېز بولۇپ كەتسە، سۈرئەت تۇيۇقسىز ئاشسا ياكى تۇيۇقسىز تۆۋەنلىسە ئاسانلا يانغا تېيىلىش ۋە يۆنىلىشتىن قېيىپ كېتىشنى كېلىپ چىقىدۇ.
قار-مۇزلۇق يوللاردا چاق ئاسان تېيىلىدۇ، ئاپتوموبىل ھەيدەپ يول يۈرۈش جەريانىدا سۈرئەت ئاستا بولۇش، سۈرئەتنى شىددەت بىلەن تېزلىتىشتىن ياكى جىددىي كۈچەپ تورمۇزلاشتىن ساقلىنىش، ماي كىلاپانىنى ئاستا دەسسەش ياكى ئاستا قويۇپ بېرىش، تورمۇزلاشتا نۇقتا تورمۇزنى ئاساس قىلىپ، يېنىك دەسسەپ يېنىك قويۇپ بېرىش كېرەك.
ئەگەر ئاپتوموبىل يانغا تېيىلىپ كەتسە، رولنى چىڭ تۇتۇش، رولنى تېيىلىپ كەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئاستا ئايلاندۇرۇش، ئاپتوموبىل يۆنىلىشى تۈزلەنگەندىن كېيىن، ئاندىن تورمۇزنى ئاستا دەسسەپ بېرىش، تاكى پۈتۈن ئەھۋال تامامەن كونترول قىلىنغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
كۆرۈش دەرىجىسى يۇقىرى بولمىغان ياكى قار يېغىۋاتقان ۋاقىتتا ئالدى-كەينىدىكى تۇمان چىرىغىنى ياندۇرۇپ، باشقىلارنىڭ سىزنى ۋاقتىدا بايقىشىغا قولايلىق يارىتىش كېرەك.
شوپۇرلار قار-مۇزلۇق ھاۋارايىدا يول يۈرگەندە، تېيىلىشتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ (مەسىلەن، تېيىلىشتىن ساقلىنىش زەنجىرى ئورنىتىش)، چاق بىلەن يەر يۈزىنىڭ سۈركىلىش كوئېففىتسېنتىنى ئاشۇرۇپ، تېيىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
توكسىكىلىت مىنگەنلەر دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
توكسىلىتنىڭ چاقىغا بەك جىق يەل قاچىلىماسلىق كېرەك، بۇنداق قىلغاندا يەر يۈزى بىلەن بولغان سۈركىلىش ئېشىپ، ئاسان تېيىلىپ كەتمەيدۇ.
مۇز تۇتمىغان، قار قاتلىمى تېيىز بولغان تەكشى يولنى تاللاش، جىددىي تورمۇزلىماسلىق، جىددىي ئايلانماسلىق، ئەگىلىش بۇلۇڭى ئىمكانقەدەر چوڭ بولۇش كېرەك.
نىسىبەتەن بىخەتەر بولغان ئارىلىقنى ساقلاپ ھەمدە قالپاق كىيىپ، يەر يۈزى زىيادە تېيىلغاق بولغانلىقتىن سوڭدىشىش ياكى يىقىلىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
يول پاتقاق ھەم تېيىلغاق بولسا، زېھنىمىزنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، سۈرئەتنى ئاستىلىتىشىمىز كېرەك. بىر قەدەر قېلىن قار ياكى نېپىز مۇز بار يولدا، ئەڭ ياخشىسى توكسىكىلتتىن چۈشۈپ پىيادە مېڭىش كېرەك.
پىيادىلەر دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
يول يۈزىدىكى لەيلىمە مۇز ۋە يىغىلىپ قالغان سۇدىن نېرى مېڭىش، چەم سىزىقچىلىرى بىر قەدەر چوڭقۇر بولغان تېيىلىشتىن ساقلىنىش ئايىغىنى كىيىپ ئاستا مېڭىش كېرەك.
سىرتقا چىققاندا، توكسىكىلىت ۋە ۋېلىسىپىت بىلەن سىرتقا چىقىشنى ئازايتىپ، پىيادە مېڭىش ياكى ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىنى تاللاش كېرەك.
قار-مۇز يولدىكى نۇرغۇن «توزاق»لار، مەسىلەن، ئازگال، قۇدۇق قاپقىقى قاتارلىقلارنى توسۇۋالىدۇ، ئاياغ ئىزى ياكى چاق ئىزى بار جاينى تاللاپ ماڭغاندا سوقۇلۇپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
سىرتقا چىققاندا باشنى چۈمكەپلا ماڭماسلىق، يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە قاتناش سىگنال چىرىغى ۋە ئىككى تەرەپتىكى ئاپتوموبىللارنى كۆپرەك كۆزىتىش كېرەك.