11-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەكەن ناھىيەسى تاغارچى بازىرىدىكى يەكەن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ھەر خىل كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. بۇ يەردە كۆپ ئۇچرايدىغان تۆت پەسىللىك كۆكتاتلاردىن باشقا يەنە خولۇڭگو، ئادەمگىياھ مېۋىسى قاتارلىق ئالاھىدە مېۋىلەرمۇ بار. يەكەن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1000 مو كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال باغچە رايونى بولۇپ، بۇ يەردە مايسا يېتىشتۈرۈش، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، يېڭى سورتلارنى كىرگۈزۈپ سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش، پەن-تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار يەن شۆچىن، نۇردۇنجان، جيا زىجۈن)
قىپقىزىل خولۇڭگولار خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈزۈشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
خىزمەتچى مېۋە-كۆكتاتلارنى پەرۋىش قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى