تۈرلۈك يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر سەپلىنىپ، يېڭىچە ئاۋىياتسىيە مۇلازىمەت تەسىراتى يارىتىلىدۇ
ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى ئۆز ئالدىغا بېجىرىش ئۈسكۈنىسى
3- تازىلىق ئۆيى (ئالاھىدە يولۇچىلار ئىشلىتىدۇ)
تازىلىق ئۆيى
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئايروبىنا رايونىدىكى ئايروبىنانىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى. (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شياۋلۇڭ فوتوسى)
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئايروبىنا رايونىدىكى ئايروبىنا ئىچىدىكى ئۈسكۈنە- ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى سەپلىنىپ بولدى، ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش پوكىيىدىن ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىدىكى ئورۇندۇققىچە، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىدىن تازىلىق ئۆيىگىچە بولغان بارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ھەربىر ھالقىغىچە ئىنچىكە پىلانلاندى ۋە كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
مۇخبىر 11- ئاينىڭ 29- كۈنى ئايروبىناسىغا كىرگەندە، ھەر خىل يېتەكلەش بەلگە تاختىلىرى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. كىرىش ئېغىزىدىكى يۆنىلىش كۆرسەتمىسىدىن تارتىپ ھەرقايسى ئىقتىدار رايونلىرىدىكى تەپسىلىي يېتەكلەش بەلگە تاختىلىرىغىچە زامانىۋى تۇيغۇ بېرىدىغان ھەم ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان رەڭلەر ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش پوكىيى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزى، ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزى قاتارلىق ھەرقايسى ئىقتىدار رايونلىرىنى ئاسانلا تاپالايدۇ.
ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش پوكىيىدىن 148ى، ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى ئۆز ئالدىغا بېجىرىش ئۈسكۈنىسىدىن 176سى ۋە يۈك- تاق تالونى ئاپتوماتىك بېسىپ چىقىرىلىدىغان ھاۋالىلىك توشۇش ئۈسكۈنىسىدىن 54ى يىپيېڭى ھالەتتە قاتار تىزىلغان بولۇپ، ئاددىي، ئازادە لايىھەلەش ئۇسلۇبى ئايروبىناسىنىڭ ئومۇمىي قىياپەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى ئادەمسىز بېجىرىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە تېجەيدۇ.
دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئېكران، يولۇچىلار ئاپتوماتىك مۇلازىمەت تېرمىنال ئۈسكۈنىسى ئايروبىناسىدىكى يولغا چىقىش زالىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا تەكشى ئورنىتىلغان بولۇپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارغا ئائىت چۈشەندۈرۈش، خەرىتە ئارقىلىق يول باشلاش، ئايروپورت يەر يۈزى قاتناش كۆرسەتمىسى، شۇ جايدىكى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، يولۇچىلار كىچىك پىروگراممىدا ئايروبىناسىنى بىمالال ئايلىنالايدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە 3- تازىلىق ئۆيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يولۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت تەسىراتى ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ تازىلىق ئۆيى چوڭلار ۋە بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن بولۇپ، قول يۇيىدىغان جۈمەك قاتارلىقلار بوي ئېگىزلىكى ئوخشىمىغان كىشىلەر توپىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ لايىھەلەنگەن، ئىشىك بىلەن ئىشىك كېشىكىنىڭ ھىملىقى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، ئىشىك قۇلۇپى ھەم مۇستەھكەم، ھەم ئىشلىتىش ئاسان، تازىلىق ئۆيىنىڭ شامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يولۇچىلارنىڭ خاتىرجەم ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىنغان.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە شىركىتى مۇلازىمەت باشقۇرۇش كومىتېتى (ئايروبىنا رايونى باشقۇرۇش بۆلۈمى)دىن ئىگىلىشىچە، ئۈسكۈنە- ئەسلىھەلەرنىڭ تەق بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئايروبىنا رايونىدىكى ھەرقايسى مۇلازىمەت كاپالەت تارماقلىرى رەسمىي تىجارەت باشلىغاندا يولۇچىلارغا تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق، ئازادە يېڭى ئاۋىياتسىيە مۇلازىمەت تەسىراتىنى نامايان قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كېيىنكى قەدەمدە سىستېمىنى تەڭشەپ سىناش ۋە خادىملارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدىكەن. (مۇخبىر لى كەي، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ شۇرەن )