ئىستېمالچىلار 11- ئاينىڭ 29- كۈنى گېرمانىيە تاۋارلىرى سارىيىدا ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي كۆرگەزمە سودا مەركىزىدىكى گېرمانىيە تاۋارلىرى سارىيى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن يەن فوتوسى)
11- ئاينىڭ 29- كۈنى بىرمالىق تىجارەتچى جياۋۋۇ ئېسىل ياغاچ ماتېرىيالىدىن ياسالغان زىبۇ- زىننەت قۇتىسىنى مال جازىسىغا تىزدى. يېرىم سائەتتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ياڭ ۋېن بۇ زىبۇ- زىننەت قۇتىسىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ سېتىۋالدى. بۇ سودا ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىكى ئۈرۈمچى باجدىن خالىي كۆرگەزمە سودا مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلدى.
ئۈچ ئاي دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق باجدىن خالىي كۆرگەزمە سودا مەركىزىدە ھازىر سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت قىلىنىۋاتىدۇ، تاۋار تۈرى تېخىمۇ موللىشىپلا قالماستىن، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بىر قانچە دۆلەت سارىيىمۇ ئەڭ ئاخىرقى بېزەش باسقۇچىغا كىردى.
باجدىن خالىي كۆرگەزمە سودا مەركىزىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پەقەت ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى فۇنكىسيەلىك بۆلىكىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى.
جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىنغان بىر يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئېچىۋېتىش ئىقتىدار دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈردى.
بىر قانچە دۆلەت سارىيى ماكانلاشتى
فىرانسىيەنىڭ قىزىل ھارىقى، رۇسىيەنىڭ كەمپۈتى، يېڭى زېلاندىيەنىڭ سۈت پاراشوكى، ياپونىيە، كورېيەنىڭ يۇيۇش، ئاسراش بۇيۇملىرى... باجدىن خالىي كۆرگەزمە سودا مەركىزىگە كىرگەندە ھەرقايسى دۆلەت سارايلىرىدىكى تاۋارلارنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغانلىقىنى، تىجارەتچىلەر مال سېلىش، زاپاس مال تەييارلاش ۋە سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر قانچە دۆلەت سارىيىنىڭ جىددىي بېزىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.
باجدىن خالىي كۆرگەزمە سودا مەركىزى ئاستى- ئۈستى ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنگەن بولۇپ، كۆلىمى 11 مىڭ كىۋادرات مېتىر. 1- قەۋىتى پارچە سېتىش باجدىن خالىي سىناق مەركىزى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سارايلىرى.
جياۋۋۇنىڭ يۈننەندە شىركىتى بار بولۇپ، مەخسۇس بىرمادىن ئېسىل ياغاچ ماتېرىياللىرى مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ ساتىدۇ. ئۇ بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم باجدىن خالىي كۆرگەزمە سودا مەركىزىگە ماكانلاشتى.
باجدىن خالىي كۆرگەزمە سودا مەركىزىگە مەبلەغ سېلىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ھەم ئومۇميۈزلۈك يۈرۈشتۈرۈشكە شىنجاڭ جۇڭجى رەقەملىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى مەسئۇل بولدى.
بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ يەنفېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن بۇرۇن، باجدىن خالىي كۆرگەزمە سودا مەركىزىگە ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى 20 نەچچە دۆلەتنىڭ خاس تاۋارلىرى توپلانغانىدى، بۇ يىل 8- ئايدىن باشلانغان دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا، كارخانىمىز بۇ دۆلەتلەردىن كىرگۈزۈلىدىغان تاۋار تۈرلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى ھەمدە سېربىيە، كەشمىر، سىرى لانكا، تايلاند، ئافرىقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايون سارايلىرىنى كىرگۈزدى، ئومۇمىي مال تۈرى 20 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ.
باجدىن خالىي كۆرگەزمە سودا مەركىزىنىڭ 2- قەۋىتى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بولۇپ، شىنجاڭدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يۈرۈشلەشكەن ھەمبەھرە ئىش بېجىرىش رايونى، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلىنىشكە تەشكىللەش قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۈرۈمچى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.
جاڭ يەنفېي مۇنداق دېدى: چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە يېتىشتۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ئاساسلىقى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت «ئىككى بازار»نى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ «پۈتۈن يەرشارىدىكى تاۋارلارنى سېتىۋالالايدىغان بولۇش»ىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە دۆلەت ئىچىدىكى ياخشى ماللارنى «پۈتۈن يەرشارىغا سېتىش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، شىركىتىمىز يەنە قازاقىستان، رۇسىيە قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە مەملىكەت سىرتى ئامبار قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماللارنىڭ توپلىنىشى ۋە توشۇلۇشىغا قولايلىق ياراتتى.
ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باجدىن خالىي كەسىپلەر ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىمىنجان سەيدۇللا مۇنداق دېدى: باجدىن خالىي كۆرگەزمە سودا مەركىزى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ سودىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتە فۇنكسىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى بولۇپ، خەلقئارا تاۋار كۆرگەزمە سودا سۇپىسى ئارقىلىق ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇردى ھەمدە ئوتتۇرىدىكى ھالقىلارنى ئازايتىش ئارقىلىق شۇ جايدىكى ئىستېمالچىلارنى ھەقىقىي، ئۆزى ياخشى، باھاسى ئەرزان ئىمپورت تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان، خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىدىغان سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.
تەدبىرلەردە يېڭىلىق يارىتىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى
«كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش» ئاددىي بوشلۇق ئۆلچىمى جەھەتتىكى «دېڭىزغا چىقىش» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەت ئىچىدىكى قائىدە مۇھىتىدىن خەلقئارا ئىقتىساد- سودا قائىدە مۇھىتىغا كىرىشنى كۆرسىتىدۇ.
بىر يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى سودا قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئۈرۈمچىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسىنىڭ تەرەققىياتىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئاددىي، قولايلىق تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تەرتىپى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۆتكەپ توشۇش مۇلازىمىتى ئارقىلىق يۈك قىممىتى يۇقىرى تاۋارلار باجدىن خالىي ئۆتەڭ سودىسى يولىنى ئاچتى، باغچە رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنى ئاساس قىلغان ئۆتەڭ سودا يولى ئارقىلىق ئالاھىدە تىرانسپورت، ئەشيا ئوبوروتىنى كۆزىتىش ۋە توشۇش زىيىنىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇرەككەپ كەسىپ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، باجدىن خالىي رايون ئىچىدىكى باجدىن خالىي فۇنكسىيەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «باجدىن خالىي +» كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدەندى.
7- ئاينىڭ 30- كۈنى ئۈرۈمچى- سانجى تاموژنا خادىملىرىنىڭ نەق مەيداندا نازارەت قىلىشى- باشقۇرۇشى ئاستىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۇنجى باجدىن خالىي ئىجارە ئېكسپورت ماللىرى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن قازاقىستانغا توشۇلدى.
بۇ كەسىپتە باجدىن خالىي ئىجارە، چىگرا سىرتى مۇلازىمەت سودىسى قاتارلىق «ئەركىن سودا سىناق رايونى + ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون»غا چېتىلىدىغان گىرەلەشمە سىياسەت سىناق قىلىنىپ، ئەنئەنىۋى ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسىنىڭ دەرىجىسى «باجدىن خالىي +» كەسپىگە ئۆستۈرۈلۈپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىق بىرىكتۈرۈلۈپ، ھەم باجدىن خالىي رايوندىكى كارخانىلارنىڭ ئالاقىدار نىشان قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى، ھەم چېگرا سىرتىدىكى خېرىدارلارنىڭ مەبلەغ بېسىمى ۋە تىجارەت تەننەرخى تۆۋەنلىتىلدى.
شىنجاڭ بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن باجدىن خالىي كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا ئېلىپ كېلىنىشىدىن تارتىپ، شىنجاڭ بويىچە ئالتۇن زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا «1210» باجدىن خالىي ئىمپورت شەكلى ئارقىلىق ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا تۇنجى قېتىم كىرگۈزلۈشىگىچە، يەنە تۇنجى نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورت بويىچە تاۋار ئاپتوموبىل توشۇيدىغان يۈرۈش لىنىيەسى بېكىتىلگەن نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتنىشىغىچە... بۇ يىل ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى نۇرغۇن «تۇنجى تۈركۈم»، «تۇنجى قېتىم»، «بىرىنچى»لەرنى ياراتتى.
261 تاۋار ئاپتوموبىل قاچىلانغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورت بويىچە تاۋار ئاپتوموبىل توشۇيدىغان يۈرۈش لىنىيەسى بېكىتىلگەن نۆۋەتچى پويىز 10- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا تاموژنىغا مەلۇم قىلىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، تۆمۈريول سەنپىڭ مەركىزىي ۋوگزالى (ئۈرۈمچى)دىن يولغا چىقتى. بۇ، بۇ نۆۋەتچى پويىزنىڭ مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم قاتنىشى بولۇپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.
يۈرۈش لىنىيەسى بېكىتىلگەن نۆۋەتچى پويىز نۇقتىسى بېكىتىلگەن، لىنىيەسى بېكىتىلگەن، پويىز قېتىمى بېكىتىلگەن، ۋاقتى بېكىتىلگەن بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، بۇ، بۇ پويىزنىڭ مۇقىم «يۈرۈش لىنىيەسى»گە ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھىنىڭ بىر ھەپتىدە بىر قېتىم نۆۋەتچى پويىزىنى قاتنىتىش پىلانىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىدىغان يىللىق باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى ئېكسپورت سودا قىممىتى 3 مىليارد يۈەن بولىدۇ، يىللىق ئېكسپورت تاۋار ئاپتوموبىلى 15 مىڭدىن تۆۋەن بولمايدۇ.
باغچە رايونى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، كەسىپلەر ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىندى
2017- يىلى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا ماكانلاشقان تۇنجى تۈركۈمدىكى كارخانىلارنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ كېمىڭ ئۇنچىلىق چەكلىك شىركىتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئىشقا كىرىشتى، بۇ شىركەت يىلىغا 90 مىڭ توننا بۇغداي پىششىقلاش، 62 مىڭ توننا ئۇن، 42 مىڭ توننا كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى.
چېن كېمىڭ يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مەھسۇلات باش نازارەتچىسى، شىنجاڭ كېمىڭ ئۇنچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ مەھسۇلات مەسئۇلى جياڭ يىلې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كېمىڭ ئۇنچىلىق چەكلىك شىركىتى چېن كېمىڭ يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە بازىرىغا تەرەققىي قىلىشتىكى يادرولۇق ئاساسىي نۇقتىسى بولۇپ، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق قازاقىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان بۇغدايدىن ئۇن ۋە كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بازارلاردا سېتىپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگىمۇ ساتىدۇ.
بىر يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى كونا كارخانىلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودىگەر چاقىرىپ ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىپ، يېڭى كارخانىلارنى ماكانلاشتۇردى.
بۇ يىل 1- ئايدىن 10- ئايغىچە ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، ئىمپورت- ئېكسپورت سودا كارخانىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 78 كارخانا يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇردى.
كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، «ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ تاۋار ئاپتوموبىل، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئىمپورت- ئېكسپورت باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى ماللىرىنى خەلقئارا ئايرىش- تارقىتىش مەركىزىگە يەتكۈزۈش» تۈر قۇرۇلۇشى قىلىندى، بۇ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ 1- قارارىدا ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملاندى.
بۇ تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، يول ئارقىلىق سودىغا، سودا ئارقىلىق كەسىپكە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرى ۋە ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى توپلاپ، چېگرا سىرتىدا سېتىۋېلىش، چېگرا ئىچىدە ئايرىش- تارقىتىش، سېتىشتىن كېيىنكى رېمونت قىلىش قاتارلىق ئاپتوموبىل ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ خەلقئارا تاۋار ئاپتوموبىل ئەشيا ئوبوروتى تەرەققىياتىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. (مۇخبىر تاڭ خۇڭمېي)