تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى

    بۇ يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 13-قېتىملىق «مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنى»، باش تېمىسى «مەدەنىي قاتناشنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق بەرپا قىلايلى».

   مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى گۇڭئەن مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئاپتوموبىل ئىگىلىرى «قاتناش باشقۇرۇش 12123» APPسى ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

   بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى گۇڭئەن قاتناش باشقۇرۇش ساھەسىنىڭ خەلققە قولايلىق، كارخانىلارغا پايدىلىق سەككىز تۈرلۈك ئىسلاھات يېڭى تەدبىرىنى يولغا قويۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان، نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، مەملىكەت بويىچە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش تۈركۈمگە بۆلۈپ ئومۇملاشتۇرۇلغان. ھازىرغىچە 86 مىليوندىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئىگىسىگە ئېلېكتىرونلۇق يول يۈرۈش كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلىپ، توردا «كىنىشكىنى كۆرسىتىش» «كودنى كۆرسىتىش» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەنگەن. ئىگىلىنىشىچە، سەككىز تۈرلۈك قاتناش باشقۇرۇش ئىسلاھاتى يېڭى تەدبىرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 100 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق نەپ يەتكۈزۈلۈپ، ئامما، كارخانىلارنىڭ 4 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق يۈكى يېنىكلىتىلگەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.