نورمىلىق سېتىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن 2000 يۈرۈش توپلىنىپ، تۇنجى تۈركۈمدە 1300 يۈرۈش ئۆي مەنبەسى ئېلان قىلىندى
ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل نورمىلىق سېتىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن 2000 يۈرۈش توپلاپ، تۇنجى تۈركۈمدە 1300 يۈرۈش ئۆي مەنبەسى ۋە باھاسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى تور ۋە تور سىرتىدا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 11- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى تۇرالغۇ كاپالىتى مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، نورمىلىق سېتىش تىپىدىكى 2000 يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئاساسلىقى تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، شىمىگۇ رايونى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ۋە مىدۇڭ رايونى قاتارلىق جايلارغا جايلاشقان بولۇپ، قالغان ئۆي مەنبەلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدىكەن. نورمىلىق سېتىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ھەم كىرىمى يۇقىرى بولمىغان نوقۇل مائاش كىرىمىگە تايىنىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئېھتىياجىغا ۋە شەھەر ئېھتىياجلىق بولغان ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشكە نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىدىكەن. نورمىلىق سېتىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇغا ئىلتىماس قىلىشتا ئائىلە بىرلىك قىلىنىدىكەن، بىر ئائىلە پەقەت بىر يۈرۈش نورمىلىق سېتىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ سېتىۋالالايدىكەن.
شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئائىلىلەر توردا «ئەنجۈ گۇاڭشا» كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. مەھەللە ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش، يېزا- بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى تەكشۈرۈش، رايون (ناھىيە)لۇق تۇرالغۇ كاپالىتى تارمىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتى مەركىزى ئەنگە ئېلىش قاتارلىق ھالقىلار تاماملانغاندىن كېيىنلا نورمىلىق سېتىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇغا ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدىكەن. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئائىلىلەر نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللىگە بېرىپ ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن، يېزا- بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى تەكشۈرۈپ بېكىتىدىكەن، رايون (ناھىيە)لۇق تۇرالغۇ كاپالىتى تارمىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىكەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتى مەركىزى ئەنگە ئېلىپ، نورمىلىق سېتىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇغا ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىكەن.
تۇنجى تۈركۈمدە ئېلان قىلىنغان نورمىلىق سېتىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ سەككىز ئولتۇراق رايونغا جايلاشقان، كۆلىمى 41.91 كىۋادرات مېتىردىن 101.15 كىۋادرات مېتىرغىچە، ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ باھاسى 3550 يۈەندىن 4750 يۈەنگىچە ئىكەن. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاھالىلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە بولۇپ، مۇددىتى ئون كۈن ئىكەن.
نورمىلىق سېتىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇنى بازارغا سېلىپ سودا قىلىشقا بولمايدىكەن، ئەگەر ئۇزاق مەزگىل ئىشلىتىلمەي تاشلاپ قويۇلسا، ھەقىقەتەن ئۆتۈنۈپ بېرىش ئېھتىياجى بولسا ياكى ئىستېپا بېرىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئورگان، كەسپىي ئورۇن ياكى كارخانىدىن ئايرىلغان بولسا، ھۆكۈمەت بەلگىلىمە بويىچە قايتۇرۇپ سېتىۋالىدىكەن. (مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن)