ئۈرۈمچى شەھىرى 11- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە بۇ يىلقى 289- قېتىملىق ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان كۈننى قولغا كەلتۈردى، بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاپتونوم رايون چۈشۈرگەن «ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %79.2 (289 كۈن) بولۇش» يىللىق نىشان- ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن 36 كۈن بۇرۇن تاماملىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيە- مۇھىت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى باشتىن- ئاخىر مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «1، 2، 3، 4» خىزمەت يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئەمەلىي، قاتتىق تەدبىرلەرنى كۆپلەپ قوللىنىپ، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «ئۈرۈمچى ئاسمىنىنىڭ كۆك» بولۇشىنى تەدرىجىي نورمال ھالەتكە، شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇردى.
بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاشتىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق نىشاندا قەتئىي بوشاشماي، ئۇششاق دانچە ماددىلار (PM2.5)نى تۆۋەنلىتىشنى ئاساسىي لىنىيە، ھاۋا ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانىنى ئازايتىش ۋە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى گەۋدىلىك ئاتموسفېرا مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پۈتۈن شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە پۈتۈن شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتكەن كۈن سانى 289 كۈنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 18 كۈن ئاشقان؛ ھاۋا ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى بەش كۈن (قۇم- بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن توققۇز كۈن ئازايغان؛ PM2.5نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى 30 مىكروگىرام \ كۇب مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.7 تۆۋەنلىگەن، ئۈچ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچتە بىردەك تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلغان.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئىككى» دەرىجىلىك ھەمتۈرتكە بولۇش خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈلگەن. مەۋقە رايون ئەمەلىيىتىگە قويۇلۇپ، دىققەت مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، نىشانلىق تۈزەش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش 2024- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە بولغان ھەرىكەت لايىھەسى» ئىلمىي تۈزۈپ چىقىلغان، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى سەككىز جەھەتتىكى 27 تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرىگە ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيە- مۇھىت تارمىقى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرغان، شەھەر، رايون (ناھىيە) ئىككى دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشتىكى تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلغان. پۈتۈن شەھەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، «ئادەم كۈچى مۇداپىئەسى + تېخنىكىلىق مۇداپىئە» قوللىنىلىپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتقا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئالغا سىلجىتىلغان.
دىققەتنى «ئۈچ» چوڭ قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، تەڭشەشكە مەركەزلەشتۈرۈشتە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش تېزلىتىلىپ، يۇقىرى بۇلغىمىلىق، بۇلغىما چىقىرىشى ئېغىر كەسىپلەردە مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش كۈچەيتىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق سانائەت كەسىپلىرىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، نۇقتىلىق سانائەت كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش تېزلىتىلىپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى پائال بەرپا قىلىنىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 10 مىليون 59 مىڭ كىلوۋاتقا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %54.2كە يەتكۈزۈلگەن. پاكىز ئىسسىنىشقا ئۆزگەرتىش نەتىجىلىرى سىجىل مۇستەھكەملىنىپ، چارلاپ تەكشۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، كۆمۈر قالاش قايتا باش كۆتۈرۈش ھادىسىسى يۈزبېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان. قاتناش- تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش تېزلىتىلىپ، يۈك تىرانسپورت قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، «تاشيولدا توشۇشنى تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش» پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، گەنچۈەنپۇ تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى تۈرىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملانغان. يېڭى ئېنېرگىيەلىك، پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلۇپ، تاشيولغا چىقمايدىغان ھەرىكەتچان ماشىنىلارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلگەن. نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ پاكىز تىرانسپورت سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلگەن، 14 نۇقتىلىق سانائەت كارخانىسى پاكىز تىرانسپورت كېلىشىمى ئىمزالىغان.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە «تۆت»نى مەنبەدىن تۈزەشنى چىڭ كۆزلەشتە چىڭ تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆمۈر قالاشنى مەنبەدىن تۈزەش جەھەتتە، ئالدىنقى يىلى پاكىز ئىسسىنىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا يېزا ئىگىلىك (چارۋىچىلىق) ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى كۆمۈر قالايدىغان 125 ئەسلىھەنىڭ ئورنىغا پاكىز ئېنېرگىيەنى دەسسىتىش ۋە ئۆزگەرتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ تاماملىغان. سانائەت مەنبەسىدىن تۈزەش جەھەتتە، 25 نۇقتىلىق سانائەت كارخانىسىنى «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر قوللىنىش» بويىچە 113 خىل ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش تۈرىنى يولغا قويۇشقا تەشكىللىگەن، بارلىق قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، يىلدا 3400 توننا بۇلغىمىنى ئازايتىش ئىقتىدارى شەكىللەندۈرۈلگەن؛ 23 كارخانىنى يېتىشتۈرۈپ، «A دەرىجىنى يارىتىپ، B دەرىجىنى ئومۇملاشتۇرۇش» بويىچە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇرغان. كۆچمە مەنبەدىن تۈزەش جەھەتتە، دۆلەت 3- دەرىجىلىك بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئۆلچەمدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدىن 12 مىڭنى شاللاپ، يىللىق نىشان- ۋەزىپىنى %120 ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى قاتناش، تاكسى، ئەشيا ئوبوروتى، مۇھىت تازىلىقى ئاپتوموبىلىدىن 8000دىن كۆپرەكنى يېڭىدىن كۆپەيتكەن ۋە يېڭىلىغان، بۇلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %76.7كە يەتكەن. شەھەر دائىرىسى بويىچە مەنبەدىن تۈزەش جەھەتتە، تۈرلۈك قۇرۇلۇش تۈرىدە «يەتتە %100» بويىچە چاڭ- توزاننى تىزگىنلەش تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يول، مەيدان، سانائەت كارخانىلىرىدا چاڭ- توزاننى بىر تەرەپ قىلىش- تىزگىنلەش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە يوللارنى ماشىنىدا تازىلاش نىسبىتىنى %87كە يەتكۈزۈپ، پۈتۈن يىلدا شاخ- شۇمبىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش نىسبىتىنى %90كە يەتكۈزگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيە- مۇھىت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: كۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت، يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرۇش شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا گۈزەل ئۈرۈمچى قۇرۇلۇشىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. (مۇخبىر گو جۈنگې)