تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى

  47 كارخانا 2000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى

  11- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىدە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، كارخانىلار ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى ھەل قىلدى.

  خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە جەمئىي 47 كارخانا تەكلىپ قىلىنىپ، 2000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەندى.

  جۇڭكې لىشىن (شىنجاڭ) يېڭى ئېنېرگىيە پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش كارخانىسى بولۇپ، شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسىغا ماكانلاشقان، ئاساسلىقى باتارېيە ئارقىلىق ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇ قېتىم بەشتىن ئونغىچە سېتىش خادىمى ۋە مەشغۇلات ئىشچىسىنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىدىغان بولۇپ، ئايلىق مائاشى 6000 يۈەندىن ئاشىدۇ.

  باش شىركىتى لۈچېڭ مەيدانىغا جايلاشقان شىنجاڭ جېڭشى ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پۇقراۋى كارخانا، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇ قېتىم ئاساسلىقى باشقۇرۇش ئىش ئورنىغا مەسئۇل خادىم تەكلىپ قىلىدىغان بولۇپ، تەمىناتى ياخشى، ئايلىق مائاشى 20 مىڭ يۈەندىن باشلىنىدۇ.

  قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تۈرىدىكى ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىنجاڭ چېڭجى توخەي ئىقتىساد- سودا چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە رۇسىيەگە يۈزلەنگەن. بۇ شىركەتنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى دىرېكتورى سۈن لامېي مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەت ئەلدىكى كەسىپلىرىمىزدە ئېشىش بىرقەدەر تېز بولغاچقا، بۇ قېتىم ئىككى نەپەر رۇس تىلى بىلىدىغان سېتىش خادىمى تەكلىپ قىلدۇق، ئۇلاردىن رۇس تىلىنى بىلىشى، شۇ جاينىڭ مۇھىتىغا كۆنەلىشى، كارخانىمىزنىڭ چەت ئەل بازىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرەلەيدىغان بولۇشى تەلەپ قىلىندى.

  27 ياشلىق خىزمەت ئىزدىگۈچى ئىلياس ئابلىكىم جۇڭگو كانچىلىق داشۆسىنىڭ كان قېزىش قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ئىنگلىز تىلى بىلىدۇ، ھەمدە ئالاقىدار تاشقى سودا كارخانىسىدا ئىككى يىل خىزمەت قىلغان تەجرىبىسى بار.

  ئىلياس ئابلىكىم مۇنداق دېدى: ئەركىن سودا رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىدىغان كارخانىلار، شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى كۆپ ئىكەن، ئالاقىدار ئىش ئورۇنلىرى بىلەن دەل جايىدا تەمىنلىيەلەيدىكەن، ھازىر كۆڭۈل قويۇپ تاللاۋاتىمەن، بىرقانچە ئىش ئورنىنى بېكىتىپ، يەنىمۇ چۈشىنىپ باقماقچى بولۇۋاتىمەن.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە 600گە يېقىن خىزمەت ئىزدىگۈچى قاتناشقان، 201 كىشى نەق مەيداندا ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلغان.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، شىمىگۇ رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، لۇڭشېڭ كوچىسى، نەنخۇ شىمالىي يولى ۋە چىداۋان كوچا باشقارمىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. (مۇخبىر ۋاڭ لېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.