تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلارنىڭ سىغىمچانلىقى شىنجاڭ بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى

  بۇ يىل كىرىپ ھازىرغىچە ئۈرۈمچى ئېلېكتىر تورىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلارنىڭ سىغىمچانلىقى 5 مىليون 295 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شامال ئېلېكتىر گېنېراتورىنىڭ 920 مىڭ كىلوۋات، يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورىنىڭ 4 مىليون 375 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلارنىڭ سىغىمچانلىقى شىنجاڭ بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى.مۇخبىرنىڭ 11- ئاينىڭ 28- كۈنى دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى ئېلېكتىر تورىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلارنىڭ سىغىمچانلىقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %239 ئاشقان، 2023- يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا ئۈرۈمچى ئېلېكتىر تورىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلارنىڭ سىغىمچانلىقى 1 مىليون 561 مىڭ 300 كىلوۋات بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شامال ئېلېكتىر گېنېراتورىنىڭ 1 مىليون 361 مىڭ 300 كىلوۋاتقا، يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورىنىڭ 200 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن.

  ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلارنىڭ سىغىمچانلىقى 10 مىليون 240 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك ئۈچ يېڭى ئېنېرگىيە رايونىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، قالغان ئىككىسى سانجى ۋە قومۇل. مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىق تورلاشتۇرۇلىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 3 مىليون 160 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىدىكەن.

  بۇ يىل ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن تورلاشتۇرۇلغان يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىدىن يەتتىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى شىنجاڭ جۇڭلۈديەن شىركىتىنىڭ مىدۇڭ رايونىدىكى 3 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرى مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇلغان يەككە سىغىمچانلىقى ئەڭ چوڭ قۇملۇق يورۇقلۇق ۋولت تۈرى.

  ئۈرۈمچىنىڭ شامال، يورۇقلۇق بايلىقى مول بولۇپ، «يورۇقلۇقنى ئاساس قىلىش، جەنۇبتا شامال، شىمالدا يورۇقلۇق بولۇش»تەك ئالاھىدىلىكى بويىچە جايلاشقان. جەنۇبىي قىسىمدىكى داۋانچىڭ رايونى (داۋانچىڭ رايونى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 1- تۈردىكى شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقى رايونى، 2- تۈردىكى يورۇقلۇق ۋولت بايلىقى رايونىغا تەۋە بولۇپ، شامال، يورۇقلۇق بايلىقىدىن يىللىق ئوتتۇرىچە پايدىلىنىش ۋاقتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 3000 سائەت ۋە 1600 سائەتكە، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 10 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدۇ؛ شىمالىي قىسىمدىكى مىدۇڭ رايونى بېيشاۋو رايونى 2- تۈردىكى يورۇقلۇق ۋولت بايلىق رايونىغا تەۋە بولۇپ، يىللىق قۇياش رادىياتسىيەسى سانلىق مەلۇماتى مۇقىم، ئوتتۇرىچە پايدىلىنىش ۋاقتى 1420 سائەتكە، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 20 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدۇ.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى يورۇقلۇق ۋولت، شامال ئېلېكتىر، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنىڭ كۆپ مەنبەلىك، يېشىل بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1- ئايدىن 10- ئايغىچە ئۈرۈمچىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك تارقىتىش مىقدارى 11 مىليارد 910 مىليون كىلوۋات / سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.23 ئاشقان.

  «ئۈرۈمچىنىڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى (2023- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە)»دا 2025- يىلى پۈتۈن شەھەر بويىچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنى 30 مىليون كىلوۋاتقا، توك تارقىتىش مىقدارىنى 50 مىليارد كىلوۋات / سائەتكە يەتكۈزۈش تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، داۋانچىڭ 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يورۇقلۇق ۋولت بازىسى ۋە مىدۇڭ رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قۇملۇق 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يورۇقلۇق ۋولت بازىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. (مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.