تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش «ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش» بويىچە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈنىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى

  11- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش «ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش» بويىچە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈنىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋەكىللىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى توپلاپ، بىرلىكتە ياخشى تەدبىرلەرنى پىلانلىدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى باشتىن- ئاخىر مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دىققەتنى مۇھىت، ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تەدبىر بىلەن تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىت، ھاۋا سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەنىڭ «يېشىللىق تەركىبى» ئارقىلىق تەرەققىيات «قىممىتى»نى ئاشۇرۇپ، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتنى تېخىمۇ «يارقىنلاشتۇرۇپ»، ئاممىنىڭ «كۆك ئاسمان بەخت تۇيغۇسى»نى تېخىمۇ ئاشۇردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە پۈتۈن شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتكەن كۈن سانى 285 كۈنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 19 كۈن ئاشقان.

  يىغىندا ئەزالار «ئۈرۈمچى شەھىرىمىزنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش» قاتارلىق ئەھۋاللارنى چۆرىدەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيە- مۇھىت ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇردى. چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن كېيىن، ئەزالار ئۈرۈمچى شەھىرىمىزنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتە قولغا كەلتۈرگەن ئاساسلىق نەتىجىلىرى، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە كەمتۈكلۈكلىرى توغرىسىدا يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنى سىجىل چوڭقۇر ياخشى قىلىشتا ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قويۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تىرىشىپ قاراتمىلىقى كۈچلۈك، قىممىتى يۇقىرى پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە تۈزەش، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كاڭ جيەنجۈن يىغىنغا قاتناشتى. (مۇخبىرجيا مېڭيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.