تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ۋىيشىندا پۇلنى نەقلەشتۈرۈشتە رەسمىيەت ھەققى كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟ تېڭشۈن بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردى

   12-ئاينىڭ 1-كۈنى، «ۋىيشىندا پۇلنى نەقلەشتۈرگەندە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدىكەن» دېگەن تېما توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.

   بىر تورداش مۇنداق دېدى: پۇلنى مائاش كارتىڭىزدىن بىۋاسىتە ۋىيشىن لىڭچيەنتۇڭغا يۆتكىسىڭىز بولىدۇ، كېرەك بولغاندا يەنە لىڭچيەنتۇڭدىن مائاش كارتىڭىزغا يۆتكەپ نەقلەشتۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ، رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ.

   تېڭشۈن ئابۇنىچىلار مۇلازىمىتى بانكا كارتىسى ئارقىلىق لىڭچيەنتۇڭغا پۇلنى ھەقسىز يۆتكىگىلى بولىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. لىڭچيەندىكى پۇلنى لىڭچيەنتۇڭغا يۆتكىگەندە، پەقەت لىڭچيەندىن يۆتكەشنىلا قوللايدىغان بولۇپ، مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنمايدۇ؛ ئەگەر بانكا كارتىسى ئارقىلىق كىرگەن پۇلنى لىڭچيەنگە يۆتكىگەندە، ئاندىن يەنە لىڭچيەن ئارقىلىق بانكا كارتىسىغا نەقلەشتۈرگەندە لىڭچيەندىكى پۇلنى نەقلەشتۈرۈش قائىدىسى بويىچە مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنىدۇ.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.