تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك
«ۋاي-ۋۇي، قورسىقىڭلار ئېچىپ كەتتىمۇ؟ مانا ھازىرلا سىلەرگە يەيدىغان نەرسە بېرىمەن.» 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەتىگەندە، يېڭىسار ناھىيەسى سىتلى يېزىسى نوبېشى بىنام كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت بارات ئادەتتىكىگە ئوخشاش قوتانغا كىرگەندە، قويلار ئۇنى كۆرۈپ «مە، مە» دەپ مەرىشىپ كەتتى.
نۇرمەمەت بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ئىنكاس قايتۇرغاچ، بىر تەرەپتىن ھارۋىنى ئىتتىرىپ بېرىپ، يەم-خەشەك قاچىلىدى.
نۇرمەمەت باققان قويلار نوۋېشى قويى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ قويلارنىڭ كۆز ئەتراپى، قۇلىقى، ئېغىزى، تۇياقلىرى قارا رەڭدە كېلىدۇ، مۈشۈكئېيىققا بەك ئوخشىغاچقا، شۇ جايدىكى ئامما ئۇنى «مۈشۈكئېيىق قوي» دېيىشىدۇ. «مۈشۈكئېيىق قوي» يىرىك يەم-خەشەك بىلەن بېقىلىدۇ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، گۆشى يۇمشاق بولۇپ، شۇ جايدا 400 يىلدىن ئارتۇق بېقىش تارىخىغا ئىگە.
بىراق، بۇنداق يەرلىك نەسىل ئىلگىرى بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى يۇقىرى بولماسلىق، باقمىچىلىق ئۇسۇلى يۈزە بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سانى ئىزچىل مۇقىم بولمىغاچقا، بۇلتۇر ئاران 20 مىڭدىن كۆپرەكلا بار ئىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خىيالىغا كەلتۈرمىگىنى شۇ بولدىكى، بۇ يىل 2-ئايدا، «مۈشۈكئېيىق قوي» مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2024-يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» قەشقەر شۆبە مەيدانىدا نامايان بولۇپ، بىردىنلا «نامى چىقىپ كەتتى».
«كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ ئوماق، سۆيۈملۈك ھالىتىنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالدى، سۈرۈشتۈرىدىغانلارمۇ كۆپەيدى، مەن پۇرسەت كەلدى دەپ ئويلىدىم» دېدى نۇرمەمەت.
ئەسلىدە، نۇرمەمەت ئاساسلىقى كالا باقاتتى، ئۇ «شامال يۆنىلىشى»نى پەملەپ، كەسكىنلىك بىلەن ئۆيىدىكى كالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېتىپ، 30 تۇياق «مۈشۈكئېيىق قوي» سېتىۋالدى. كۆڭۈل قويۇپ بېقىش نەتىجىسىدە، ھازىر «مۈشۈكئېيىق قوي»نىڭ سانى 50كە يەتتى.
«مۈشۈكئېيىق قوي»نىڭ نەسلىنى قوغداش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرمەمەتكە ئوخشاش باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوللاش ئۈچۈن، نوبېشى بىنام كەنتى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، «مۈشۈكئېيىق قوي» تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلىپ، تېخنىكا كوللېكتىپى قۇردى؛ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەنت نەسىللىك قوي كۆپەيتىش مەركىزىگە كىرىشىنى قوللاپ، ئۇلارنى مەبلەغ، يەم-خەشەك، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىدى؛ باقمىچىلىق كارخانىلىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن باقمىچىلىق، سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى...
«بىزنىڭ كەنتىمىزلا ئەمەس، باشقا كەنتلەرمۇ كەنت ئاھالىلىرىنى <مۈشۈكئېيىق قوي> بېقىشقا رىغبەتلەندۈردى، ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى خاتىرجەم بېقىۋاتىدۇ» دېدى نۇرمەمەت.
بۇ يىل يېڭىسار ناھىيەسىدىكى «مۈشۈكئېيىق قوي»نىڭ سانى كۆپىيىپ 30 مىڭغا يەتتى.
نۇرمەمەت ئىلمىي بېقىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدى، باقمىچىلىق سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆستى. «ھازىر بازاردا بۇنداق قوي ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى. كېلەر يىلى 4-ئايدا، مەن باققان قويلارنى سېتىپ چىقىرىشقا بولىدۇ.» نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: كېلەر يىللىق نىشانىم قويلارنىڭ سانىنى داۋاملىق كۆپەيتىش بىلەن بىللە، بىر سىن سۇپىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئۆيۈمدىكى بۇ ئوماقلارنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالىنى تورغا چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى «مۈشۈكئېيىق قوي»غا دىققەت قىلىشقا جەلپ قىلىش.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى