ئالدىنقى ھەپتىدە، بىز لى ۋېنۋېن، پەن جەنلې، جاڭ يۈفېي قاتارلىق 11 ئولىمپىك چېمپىيونىنى كۈتۈۋېلىپ، ئولىمپىك چېمپىيونلىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسىنى ئاڭلىدۇق، يەنە ياشار تىلىۋالدىنىڭ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مىللىيچە چېلىشىش تۈرىدىكى 74 كىلوگراملىقلار بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە گۇۋاھچى بولدۇق.
مەيلى قايسى خىل ماھارەت سەھنىسىدە بولسۇن، تەنھەرىكەتچىلەر قان- تەرى بەدىلىگە بىزگە ئۆزىدىن ھالقىش، جاسارەت بىلەن ئېلىشىش روھىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ھەر قېتىملىق جاسارەت بىلەن ئاتلىنىش، ھەر قېتىملىق چىشىنى چىشلەپ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئىرادە ۋە قەيسەرلىك، ئارزۇ ۋە ئىنتىلىش توغرىسىدىكى ھېكايە ئۈن - تىنسىز بايان قىلىنىدۇ.
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونلىرى بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشۈش
11-ئاينىڭ 25-كۈنى، لى ۋېنۋېن ئۇسسۇلچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. شۇ كۈنى، «پارىژدا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش . ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چاقناش___ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونلىرى بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشۈش» سەييارە لېكسىيە سۆزلەش شىنجاڭ بېكىتى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى شىنجاڭ سىفەن داشۆسى (كوئېنلۇن مەكتەپ رايونى)دا ئۆتكۈزۈلدى. پەن جەنلې، جاڭ يۈفېي، لى ۋېنۋېن قاتارلىق 11 ئولىمپىك چېمپىيونى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسى ۋە ھايات مۇساپىسىنى ھەمبەھىرلىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى
بىر «يىقىتىش» بىلەن ئايرىلغان يۇقىرى - تۆۋەنلىك
11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ياشار تىلىۋالدى (ئوڭدا) مۇسابىقىدە. شۇ كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مىللىيچە چېلىشىش تۈرىنىڭ 74 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ماھىرى ياشار تىلىۋالدى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى
مۇقام ساداسى
11-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئارتىسلار شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مۇقام سەنئەت ئۆمىكى تىياتىرخانىسىدا «نادىر مۇقام جەۋھەرلىرى —— چەببىيات»نىڭ «چوڭ نەغمە» قىسمىنى ئورۇنلىماقتا. شۇ كۈنى كەچتە، 2024-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلى «نادىر مۇقام جەۋھەرلىرى ___ چەببىيات» مۇقام باش تېمىسىدىكى كېچىلىك شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مۇقام سەنئەت ئۆمىكى تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
ئۇستىلىق بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ياساش
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ تيەنئې زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنا-جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار پاختا يىغىش ماشىنىسى ئىشلەپچىقارماقتا. بۇ شىركەت ۋۇجياچۈ شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، پاختا پىششىقلاش يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلىرى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئاساس قىلغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا، شۇنداقلا دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانا، دۆلەت دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق يەككە تۈرىدە چېمپىيون بولغان كارخانا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شىركەت تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ياساش، ئىشلەپچىقىرىشتىكى «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، خەلقئارانىڭ مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. لى خۇابېي فوتوسى
گىرۋەكنى قاشالاپ «تۇتاشتۇرۇش»
11-ئاينىڭ 28-كۈنى، بوشلۇقتىن نەزەر سالغاندىكى قاغىلىق ناھىيەسى لوق يېزىسىدىكى دۆلەت يولىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى بوش قالغان رايونلار قاشالانغان تۇتاش كەتكەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بەلبېغى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە بوش قالغان رايوننىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ «تۇتاشتۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
قاغىلىق ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلاندى
11-ئاينىڭ 28-كۈنى، بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان قاغىلىق مىئېردەي ئايرودۇرۇمىغا قوندى. شۇ كۈنى سائەت 10دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، تيەنيۈەن ھەممىباب ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان 12- PC كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان KGA2865 قەشقەردىن ئۇچۇپ، سائەت 11دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە قاغىلىققا قوندى، بۇ قاغىلىق مىئېردەي ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
قورۇلغان يېمەكلىكلەر ئېكسپورت قىلىندى
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ فېڭجىر يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا گازىر ئىلغىماقتا. بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان «خېي پاڭنيۇ» گازىرى يىراقتىكى ئوتتۇرا شەرق بازارلىرىدا سېتىلىدۇ. ئارداق بېيىسقان فوتوسى
باش مۇھەررىر: يۈ لېي
مۇھەررىر: چى چېڭ
ئىشلىگۈچى ئورۇن: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى سۈرەتلىك خەۋەرلەر بۆلۈمى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى