2024-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانى (يۈزتۇرا ئىمتىھان) 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ئالدىن پىششىق بىلىپ، ئىمتىھانغا ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك.
ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ۋاقتىدا بېسىپ چىقىرىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى چۈشىنىشى كېرەك. يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 10:00دا بېسىپ چىقىرىشقا بولىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانى تور بېكىتى (/https://ntce.neea.edu.cn)گە چىقىپ ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار، ئىمتىھان نۇقتىسىنىڭ ئەسكەرتىش ئۇچۇرى، ئىمتىھان ۋاقتى، ئىمتىھان نۇقتىسى ئادرېسى، ئىمتىھان مەيدانى ئۇچۇرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى» ۋە كۈچكە ئىگە كىملىكىنى ئېلىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىشى كېرەك، «ئىككى كىنىشكا»نىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. ئەگەر ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ «ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى»دىكى «ئىسىم-فامىلىسى» ۋە «كىملىك نومۇرى» ئۇچۇرى كىملىكتىكى ئۇچۇرى بىلەن بىردەك بولمىسا، ئىمتىھانغا قاتنىشالمايدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىدا كۆچۈرمىچىلىك قىلغانلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى بىكار قىلىنىدۇ، ئۈچ يىل ئىچىدە يەنە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
يۈزتۇرا ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش. 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانى تورى (/https://ntce.neea.edu.cn)غا چىقىپ يۈزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئەگەر ئۆزىنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسىگە باشقىچە پىكىردە بولسا، يۈزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى 10 خىزمەت كۈنى ئىچىدە (2025-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 10:00دىن 1-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 19:30غىچە) ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىمتىھان رايونىدىكى مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتىغا قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ، نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈشتە پەقەت تىزىملانغان نومۇرنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكى سېلىشتۇرۇلىدۇ.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھاننى ئوڭۇشلۇق بېرىپ، ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشمىز.