تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

ئۇلار دوختۇرلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالدى

     شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان تۈركۈم-تۈركۈم دوختۇرلىرى تاغ-دەريالاردىن ھالقىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسىنىڭ داۋالاش ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. 2023-يىلى 5-ئايدا، جاڭجياكوۋ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان توققۇز دوختۇر كۈچ ئۇلاش تايىقىنى قولىغا ئېلىپ، خوشۇت ناھىيەسىگە كېلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇلار بۇ كەچۈرمىشىنى ئاخىرلاشتۇردى ھەم قايتىش ئالدىدا تۇرماقتا. سۈرەتتە: بۇ يىل 7-ئايدا، جاڭجياكوۋ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار خوشۇت ناھىيەسىدە خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.  (ئىختىيارىي مۇخبىر مەردان غېنى

    خوشۇت ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار ۋە شۇ جايدىكى دوختۇرلار ياتاق تەكشۈرمەكتە. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جاڭجياكوۋ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش، «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، خوشۇت ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇكەممەل باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشتى. 

    خوشۇت ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار ۋە شۇ جايدىكى دوختۇرلار ئاغرىقنى ئوپېراتسىيە قىلماقتا. جاڭجياكوۋ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار بىلىم ئۆگىتىش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شۇ جايدىكى تېببىي خادىملارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دوختۇرخانىنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ داۋالاش-سەھىيە ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.